Uyghur主要词典
ئەسكەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كىشى، ئارمىيىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خادىم.
«ئەسكەر»، «جەڭچى» ئاكتىپ سۆزلەر، قالغانلىرى پاسسىپ سۆزلەر.
ھەممىلا ئەسكەرنىڭ مارشال بولالىشى مۇمىكىن. بىر چېرىك قوشۇن بولالماس. لەشكەرنىڭ ھەممىسى بولالماس باتۇر، دەشتتە شىر، بۆرە ھەم قاشقىر باردۇر. گېنېرال بولۇشنى ئارزۇ قىلمىغان جەڭچى ياخشى جەڭچى ئەمەس. يىگىت بولساڭ، يىگىتلىكىڭ بىلەن تونۇل نادان خاننىڭ نۆكىرىمۇ نادان. سىپاھنىڭ چېيى تاتلىق بولسا ئەگەر، ئۇندا شان ئەمەس، رەسۋالىق كۆپىيەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان كىشى، ھەربىي قوشۇن ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك جەڭچى.
پىيادە ئەسكەر. ئاتلىق ئەسكەر
دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ياكى ئۇلارنىڭ بىر قىسمى؛ قوشۇن، ئارمىيە.
مۇنتىزىم ئەسكەر. خەلق ئەسكىرى.