Uyghur主要词典
ئولتۇرۇش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دوستلار، قۇرداشلار ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان چاي - زىياپەت، ئويۇن - تاماشا.
«باراۋەت» تەڭ پۇل چىقىرىپ، باغ - باراڭلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«مىلىس» قۇمۇل شېۋىسى، «مىلىس» ئولتۇرۇشى قۇمۇلدا بولىدۇ.
بەزمە كۈنى ياشلار سېپىدە كۈيلەر، ئەمما ئىش تەدبىرىنى قېرىدىن ئىزلە. باراۋەت بولسا، شاراپەتمۇ بولار. بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە. بۈگۈنكى مىلىس كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. ئولتۇرۇشتا چىرايلىق ئولتۇر، ئوينا- كۈل، يە - ئىچ، قورساقنى تولدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىر نەچچەيلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئويۇن - تاماشا قىلىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان زىياپەت، چاي.
ئۇلار بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن بىر دوستىنىڭ ياتىقىدىكى ئولتۇرۇشتا تونۇشۇپ قالغانىدى.