Uyghur主要词典
زېدە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغدىن، قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن، ماددا ئالماشتۇرۇشنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدىغان شىكەستە.
<يېغىر> ئات - ئۇلاققا قارىتا ئېيتىلغان.
قول يارىسى كېتەر، دىل يارىسى كەتمەس. ئۇنىڭ يارىسىغا تەگمە. يارىسىغا تۇز سەپمە. جاراھەتنىڭ ئاغرىقى جاننى ئاېلىپ، جاڭگالدا قويىدۇ. چاقاڭ ساقايغۇچە چالۋاقىما. قېتىقنىڭ ئىچى زىدە، گالۋاڭنىڭ بېشى زىدە. كۈچلۈكلەردىن زەخمەت يېمەي دېسەڭ، كۈچسىزلەرگە پايدا يەتكۈز. توختى ئاخۇننىڭ ئېتى ئېگەر غاجىلاپ يېغىر بوپ قاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
زەخىملەنگەن ياكى سېسىغان جاي، ئىز؛ يارا، جاراھەت.
زېدىسى يوق ئالما.
زېدە قوغۇن.
كۆچمە. دەرد - ئەلەم، ھەسرەت.
گالۋاڭ ئېگىزنىڭ بېشى ھەمىشە زېدە (ماقال).