Uyghur主要词典
فرانىس
دۇنيا تارىخى
(1844 - 1924) فرانسىيىلىك يازغۇچى. پارىژدىكى كىتاب سودىگىرى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خېلى بۇرۇنلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ، <دەۋر> ئەدەبىي تەنقىد بېتىگە ماقالە يېزىپ تۇرغان. ئىلگىرىكى ئەسەرلىردە رېئالىزملىق ئۇسلۇب ئارقىلىق بۇرژۇئازىيە قانۇنىنىڭ ساختىلىقى ۋە جەمئىيەت تۈزۈمىدىكى زىددىيەتلەرنى ئېچىپ تاشلىغان. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە كاپىتالىزمنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئۆتكۈر تەنقىد قىلىپ، درېفوس ۋەقەسىدە قەتئىي ھالدا ئىلغار كۈچلەر تەرەپتە تۇرغان ھەمدە زولا ۋە باشقا درېفوسچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1905 - 1907 - يىللىرىدىكى روسىيە ئىنقىلابىدا <روسىيە خەلقنىڭ دوستلۇق جەمئىيىتى>نىڭ رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن روسىيەئىنقىلابىغا مەدەت بەرگەن ھەمدە ئىنقىلابتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، كاپىتالىزم جەزمەن يوقىلىدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا <يومانتى گېزىتى> گە ماقالە يېزىپ تۇرغان. ئۇنىڭ يەنە <ئالتۇن رەڭلىك شېئىرلار توپلىمى>، <پۇنارنىڭ جىنايىتى>، <تېيىس>، <ئەرۋاھلار ئىنتىزارى> قاتارلىقلارنى يازغان. 1921 - يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.