Uyghur主要词典
كولىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ ئۈستىدىن ئاستىغا قول ياكى قورال بىلەن ئىشلەپ، بىر قىسمىنى ئېلىۋەتمەك، ياكى كۆمۈپ قويغان نەرسىنى ئالماق.
«چاچماق» كۆپرەك ئېرىق - ئۆستەڭ قېزىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
«ئويماق» ئاستىدىن قومۇرۇۋالماققا قارىتىلىدۇ.
سۇنىڭ قەدىرىنى قۇدۇق قازغان بىلەر. بىلىملىك ئويلاپ تاپار، بىلىمسىز كولاپ. كولىغانسېرى چوڭىيىدۇ، كۆمگەنسېرى كىچىكلەيدۇ. ئۆستەڭ چاپساڭ، تىرەن چاپ. كۆرەلمەسنىڭ كۆزىنى ئوي.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر يەرنى ئويۇپ، چوڭقۇر قىلماق. گۆر كولىماق، ئۆستەڭ قازماق
كۆممەك، تىندۇرماق
ئۆرەكنى، چوڭقۇرنى تولدۇرماق. ئۆلۈكنى كۆممەك، ئورىنى تىندۇرماق
ئورىنى كىم كولىسا، ئۆزى چۈشەر. سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق قازغان بىلەر. قازساڭ چوڭىيىدۇ، تىندۇرساڭ كىچىكلەيدۇ. كۆزۈڭنى ئاچقانغا گۆر قازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چوڭقۇر قىلىپ ئويماق، قازماق.
ئورا كولىماق.
ئورىنى كىم كولىسا، ئۆزى چۈشەر (ماقال). سۇنىڭ قەدرىنى قۇدۇق كولىغان بىلەر (ماقال).
كۆچمە. ئىنچىكىلەپ، زىغىرلاپ سورىماق.
گەپ كولىماق.
ئاختۇرماق، كوچىلىماق.
ھاپىز ئاخۇن چاپىنىنىڭ يانچۇقىنى يەنە كولىدى، بىراق موخوركا تۈگىگەنىدى.
ئاچماق، ئاشكارىلىماق.
خەقنىڭ ئەيىبىنى كولىماق.