Uyghur主要词典
بالا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . بوۋاق.
بالا ئېمىتمەك، بالا ھەمرىيى، بالا چۈشۈپ كەتمەك. * بالا تاپماق، بالا تۇغماق، بالا كۆرمەك، بالا كۆتۈرمەك، * بالا - چاقا، بالا - ۋاقا. * بالا يىغلىمىغۇچە ئانا ئەمچەك سالماس (ماقال).
2 . ئاتا - ئانىغا نىسبەتەن ئوغلى ياكى قىزى. مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا (ماقال).
3 . ئۆسمۈر. قىز بالا، ئوغۇل بالا. * بالىلار چۆچىكى، بالىلار ئويۇنى، بالىلار ئۆيى، بالىلار لاگېرى، بالىلار تىياتىرى، بالىلار كىنوسى. * بالا ئارىسىغا كىرمەك. * بالىنى ياشتىن ئۆگەت، خوتۇننى باشتىن ئۆگەت (ماقال). * بالاڭنى مەكتەپكە بەر، يا بولمىسا مەشرەپكە (ماقال).
4 . گۆدەك. بالا، قىلغان ئىشى چالا (ماقال).
5 . ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ مەخسۇس ئېتى، يېڭى تۇغۇلغانكىچىك ھايۋانلار ياكى توخۇمدىن چىققان قۇشلارمۇ «بالا» دېيىلىدۇ. ئىتنىڭ بالىسى، چوشقىنىڭ بالىسى، پاختەكنىڭ بالىسى. * قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالام يۇمشاق (ماقال).
6 . سۈپەت. بىر تۈردىكى نەرسىلەرنىڭ كىچىكى. بالاتام، بالامەش، بالايەڭ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
(بالا: بالاسى) جەگە، لىم.
«بالا» دىن بىر تۇيۇق:
مەڭدەنمە كەلسەقۇيۇن، تۆھمەت - بالا،
يەڭ ئۇنى مەزمۇت تۇرۇپ، بول مەرد بالا،
چىڭ ئۆسۈپ، ئەلنىڭ ئامانلىق قەسىرىگە،
بول كېرەك قىلسا، كېرەكلىك لىم - بالا.
_ مەتقاسىم مەتنىياز.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئېگىز، يۇقىرى، ئۈستۈن:
گۈلشەن گۈلى تازە، قەدى سەرۋ ئولمەقى بالا،
قەدىڭ تۈز ئۇلۇپ تازە ئاچىلغانىڭ ئۈچۈندۇر.
گۇمنام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىگىز، ئۈستۈن، ئىگىزلىك، ئۆگزە: بالىخان - ئۈستۈنكى ئۆي، ئۆگزىدىكى ئۆي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاۋۇل ۋە قەيسەر ئەر كىشى.
«خوخەنزە» خەنزۇچە: 好汉子
ئەردىن ئەرگە نەپ. ئەرنىڭ ئىچىگە ئالەم پاتىدۇ. ئەل بار يەردە ئەر بار. ئەل ئۈمىدىنى ئەر ئاقلار، ئەر داڭقىنى ئەل ساقلار. ئەزىمەت ئەمگەك ئۈچۈن تۇغۇلىدۇ. ئەزىمەتنىڭ سۆزى _ پولاتنىڭ ئۆزى. ئوغۇل بالا ئوغا يەپ سىڭدۈرىدۇ. يىگىت سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن. تۇتۇنسىز ئوت يوق، نۇقسانسىز يىگىت. يامۇلنىڭ ياغاچلىرى ئېگىز قارىغاي چەنزە، يامۇلدىن قېچىپ چىققان سادىر ئۆزى خوخەنزە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەتنىڭ ياخشى ئورۇنلانغانلىقىغا خۇش بولۇپ، رەھمەت - تەشەككۇر ئېيتماقچى بولغاندا دېيىلىدۇ.
«سەللەمنا»قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىدۇ.
قۇلنى بارىكاللا ئۆلتۈرەر. «بەللى» دېسەم بەلدىن تۇتۇپتۇ. ھايھاي، قالتىس ئىشلەپسىلەر. ئۇنىڭ ئەقلىغە ئاپىرىن. ئۇنىڭ مەردلىكىگە ھەممە تەھسىن ئوقۇدى. ھۇششەرە، ئەجەب ياخشى قىلىپسەن. يارايسەن يىگىت، قولۇڭغا دەرد كەلمىسۇن. ئوغۇل بالا، ئىشنى شۇنداق پۈتتۈرۈپسەنكى، ھەممە قايىل بولدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلاردىن تۆرەلگەن ئەۋلاد.
«پەرزەنت» ئادەمگىلا خاس.
ئاقمايدۇ بالا ئالدىدا ئاتا سۆزى «ھالۋا يېمە» دېسە ئۆزى يەپ تۇرۇپ. بالا يىغلىمىغۇچە، ئانا ئەمچەك سالماس. بالاڭنى ئايساڭ بالاغا قالىسەن. بالىنى بىر تاپىسەن، ئىككى باقىسەن. بالىنىڭ بالىسى بالىدىن تاتلىق. قارغا: بالام ئاپئاق، كىرپە: بالام يۇمشاق. پەرزەنت كۆرمىگەنمۇ يىغلار، پەرزەنتى يامانمۇ يىغلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبئىي ۋە سۈنئىي ھالدا يۈز بېرىپ، ئېغىر زىيان يېتىدىغان قىيىن ئەھۋال.
خۇدا دېگەن يەردە بالا يوق، شال تېرىغان يەردە پولۇ. ئۆزى چىقتى تالاغا، مېنى قويدى بالاغا. ئەقىللىق مىڭ قازاندىن قۇتۇلار، نادان بىر بالاغا تۇتۇلار. بەختتىن بالا - قازا يۈگۈرۈك. بالا - قازا قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا. ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھوشيار بول. يامان خوتۇن جاننىڭ ئاپىتى. تۈلكىگە ئۆز تېرىسى ئاپەت كەلتۈرەر. ئاپەتنىڭ كەينىدە ئامەت بار. كىم ئەگەر ئۆسكەنىكەن تازۇنېمەتتە، ھالى ئېغىر بولار قالسا كۈلپەتتە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوڭۇشسىزلىق، مۇسىبەت، ۋەيرانىچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان قىسمەت.
بەخت، سائادەت، بەخت - سائادەت، ئىقبال، دۆلەت، قۇت
تۇرمۇشتىن رازىلىق، مەمنۇنلۇق، خۇشاللىق، ئىستىقباللىق ھېسسى.
بەخت تاقنى جۈپ قىلىدۇ، قارا جۈپنى تاق قىلىدۇ. رەختىڭگە ئىشەنمە، بەختىڭگە ئىشەن. بەختى بارنىڭ رەختى يوق، رەختى بارنىڭ بەختى يوق. سائادەت ئىشىكتىن كىرسە، يوقسۇزلۇق مورىدىن چىقار. بىر كىشى ئۈچۈن بولسا بىر ھۈنەر، ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. دۆلەت كەلسە ھۇشيار بول، ئاپەت كەلسە قەيسەر. بەختتىن كۈلپەت يۈگۈرۈك. سائادەت كېلىپ، قازا كەتسۇن. بالا - قازا ئادەمنى ساقلاتقۇچە بالدۇرراق كەلسۇن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇشنىڭ بالىسى. يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە يىرتقۇچ بولمىغان ھايۋانلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ كىچىكلا بولسا مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. قۇش بالاسى قۇسىنچىغ ئىت بالاسى ئوخشانچىغ _ قۇش بالىسى يىرگىنچلىك، ئىت بالىسى يېقىملىق. قۇشنىڭ بالىسى قانات چىقىرىشتىن بۇرۇن كۆرۈنۈشكە ئويۇنچۇقتەك يېقىملىق بولىدۇ. ئەمما چوڭ بولغاندا، ئەكسىچە بولىدۇ.
3 - 319
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
مەدىكار، ياردەمچى.
ئادەمنىڭ ئىشلىرىدا، كۆپىنچە تېرىقچىلىقتا ياردەملەشكۈچى بالا.
3 - 320
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق.
بالىنى ئىمىتمەك. بالىسىغا ئەمچەك سالماق.
ئى. ئاتا - ئانىسىغا نىسبەتەن قىز ياكى ئوغۇل پەرزەنت.
مەن كۆيەرمەن بالامغا. بالام كۆيەر بالىسىغا (ماقال).
ئى. بويىغا يەتمىگەن ئادەم؛ ياش.
قىز بالا. ئوغۇل بالا.
ئادەمنىڭ مېۋىسى - بالا (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. يېشى چوڭ بولسىمۇ گۆدەكلەرچە ئىش، قىلىقلارنى قىلىدىغان؛ نادان.
بالا، قىلغان ئىشىڭ چالا (ماقال).
سۈپ. كىچىك، ياش.
بالا ئىشچى. بالا پادىشاھ.
ئى. يېڭى تۇغۇلغان كىچىك ھايۋان ياكى تۇخۇمدىن چىققان قۇش.
قاغا بالام ئاپئاق دەيدۇ، كىرپە بالام يۇمشاق دەيدۇ (ماقال).
سۈپ. بىر تۈردىكى چوڭ - كىچىك نەرسىلەرنىڭ كىچىكى.
بالا مەش. بالا توقاچ. بالا يەڭ. بالا تام.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
بالا، پەرزەنت؛ ئېگىز؛ ئۇلۇغ؛ يۇقىرى؛ ئازاد. بالا - قازا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاپەت، كۈلپەت، خەۋپ - خەتەر، بالا - قازا.
بالا كەلمەك، بالا تېرىماق، بالا تاپماق، بالا بولماق. * بالادا قالماق، بالاغا تىقماق، بالاغا قويماق. * يېغى ياندىن قوپار، بالا قېرىنداشتىن (ماقال). * بالا كەلسە، قوش كەپتۇ (ماقال). * بالا دەرەخ بېشىدا ئەمەس، ئادەم قېشىدا (ماقال). كىمكى ئۆيلەندى، بالاسى بېشىغا بالا بولدى. * ياخشى بولسا، ئۆزۈڭگە بالا، يامان بولسا، بېشىڭغا بالا (ماقال).
2 . سۈپەت. قولىدىن ھەممە ئىش كېلىدىغان، ئۇستا، چېۋەر، ماھىر. ئۇ سۆزگە بالا نېمە ئىكەن.
3 . سۈپەت. قولىدىن ھەممە يامانلىق كېلىدىغان، خەتەرلىك. ئۇ تازا بىر بالا نېمە ئىكەن. * ئۇنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ.