Uyghur→Chinese主要词典
ئىككى ئامىل نەزەرىيىسى
پسىخولوگىيە
二因素论
èr yīn sù lùn
بۇ ئەنگلىيىلىك پسىخولوگ ۋە ئىستاتىستىك سىپېرمان 1904 - يىلى قانىلىيەت قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئوتتۇرغا قويغان بىر خىل تەلىمات. ئۇ ھەر خىل قابىلىيەتلەرنى سىناش نەتىجىلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك دەرىجە مۇسبەت مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىغان؛ ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ھال ھەر خىل قابىلىيەتلەر ئىچىدە بىر خىل ئورتاق ئامىل بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، سىپېرمان بۇ ئامىلنى «G ئامىل» دەپ ئاتىغان. G ئېنگلىزچە general (ئاددى) دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپى. G ئامىل جىقراق بولغان ھەر خىل قابىلىيەتلەر يۇقىرىراق مۇسبەت مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇپ، G ئامىل ئاز بولغان ھەر خىل قابىلىيەتلەر تۆۋەنرەك مۇسبەت مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇسبەت مۇناسىۋەتتە يۇقىرى تۆۋەنلىك بولسىمۇ، تولۇق مۇسبەت مۇناسىۋەتلىك بولالمايدۇ. بۇ ھال G ئامىلدىن باشقا تۈرلۈك قابىلىيەتلەردە ھەر خىل ئالاھىدە ئامىللارنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىپېرمان مۇنداق ئامىلنى «S ئامىل» دەپ ئاتىغان. S ئېنگلىزچە Specific (ئالاھىدە) دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپى. سىپېرمان ھەر خىل قابىلىيەتلەردە بىر دانە، پەقەت بىرلا ئورتاق G ئامىل بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، «تۆت بۇلۇڭ ئايرىمىسىنى سىناش» نى ئوتتۇرىغا قويدى. سىپېرماننىڭ قارىشىچە، ئەگەر تۆت خىل قابىلىيەت ئىچىدە پەقەت بىرلا ئورتاق ئامىل بار بولسا، ئۇنداقتا، بۇ تۆت خىل قابىلىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇقەررەر ھالدا تۆۋەندىكىدەك مۇناسىۋەت بولىدۇ:
r1.2 • r3.4 r1.3 • r2.4 =0
0 = r1.4 • r2.3 r1.2 • r3.4
مانا بۇ «تۆت بۇلۇڭ ئايرىمىسىنىڭ پەرق تەڭلىمىسى»، لېكىن ئەمەلىي سىتاتىستىكا نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ تەڭلىمە نۆلگە تەڭ ئەمەس ئىكەن ئىككى ئامىل نەزەرىيىسىنى ياقلايدىغانلار ئۇنى ئەۋرىشكە ئېلىش، ئۆلچەشتىن كېلىپ چىققان خاتالىق دەپ قاراشماقتا. لېكىن نۇرغۇن پسىخولوگلار بۇ تەڭلىمە نۆلگە تەڭ ئەمەس دەپ قارىماقتا. دېمەك بۇ تۈرلۈك ئوخشىمىغان قابىلىيەتلەردە پەقەت بىرلا ئورتاق ئامىل بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەمدە كۆپ خىل نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى زۆرۈر ئالدىنقى شەرت بىلەن تەمىنلەيدۇ. سپېرماننىڭ G ئامىلى ھەر بىر كىشىدە بار بولغان ئادەتتىكى پسىخىك ئېنېرگىيە دەپ قارايدۇ.