Uyghur→Chinese主要词典
جوئاۋ
دۇنيا تارىخى
若奥一世
ruò ào yí shì
(1357 - 1433) پورتۇگالىيە كورۇلى (1385 - 1433). ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە شەھەر خەلقى ۋە رىتسارلارغا تايىنىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافرىقىغا كېڭىيىپ، 1415-يىلى جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى سېئوتا شەھىرىنى بېسىۋالغان، ئۇنىڭ ئوغلى ھېنرىخ (دېڭىزچى) نى كۆپ قېتىم كېمە ئەترىتى تەشكىللەپ، ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئېكسپېدىتسىيە ۋە مۇستەملىكىچىلىك تالان - تاراج قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.
دۇنيا تارىخى
若奥二世
ruò ào èr shì
(1455 - 1495) پورتۇگالىيە ئاۋىس خاندانلىقىنىڭ كورۇلى (1481 - 1495). تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، پورتۇگالىي دېڭىزچىسى دىئاسنى ئەۋەتىپ، 1488-يىلى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈمىت تۇمشۇقىنى تاپقان، كېيىن داگامانىڭ ھىندىستانغا قاتنىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. 1484-يىلى، پورتۇگالىيىدە تۇرۇۋاتقان ئىتالىيىلىك دېڭىزچى كولومبونىڭ ياۋروپا ئالانتىك ئوكاين بويلىرىدىن ئۇدۇل غەربكە يۈرۈش قىلىپ، شەرققە يېتىپ بېرىش توغرىسىدىكى پىلانىنى رەت قىلغان. 1492-يىلى كولومبوئىسپانىيىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئامېرىكا قىتئەسىنى تاپقاندىن كېيىن، پورتۇگالىيە ئىسپانىيە بىلەن 1494-يىلى <توردېسىلياس شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىغان.
دۇنيا تارىخى
若四世
ruò sì shì
(1604 - 1656) پورتولوگالىيە كورۇلى (1640 - 1656). براگانزا خاندانلىقىنىڭ ئاساسچىسى. سەىزىنچى ئەۋلاد براگانزا گېرتسوگى، تارىختا <تەلىيى ئوڭدىن كەلگۈچى> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مومىسى جوئاۋ (Ⅲ 1557 - 1502 ) نىڭ جىيەن قىزى بولغاچقا، ئۇ پورتۇگالىيە مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنىڭ داھىيلىقىغا سايلانغان. 1640-يىلى پورتۇگالىيە ئىسپانىيىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كورۇل بولغان. تەختتە ئولتۇرغاندا مۇستەقىللىكنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇستەملىكىچى ئىمپېرىيىنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچ چىقارغان. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپادا دىپلوماتىك پائالىيەتنى قانات يايدۇرغان. تاشقى جەھەتتە مۇستەملىكىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن گوللاندىيە بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان.
دۇنيا تارىخى
若奥五世
ruò ào wǔ shì
(1689 - 1750) پورتۇگالىيە كورۇلى (1706 - 1750). ئىسپانىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىدا تەختكە چىقىپ، ئاتىسى پېدرو Ⅱ نىڭ تاشقى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە برازىلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، پارلامېنتنىڭ مالىيە جەھەتتىكى توسقۇنلۇقىدىن قۇتۇلۇپ، پادىشاھ ھاكىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن؛ سانائەتنى رىغبەتلەندۈرگەن؛ ئىلىم - پەن ۋە سەنئەتكە ئەھمىيەت بەرگەن. تارىخ ئاكادېمىيىسى، تەبىئەت تارىخى مۇزېيى تەسىس قىلغان، خانلىق كۇتۇپخانىسىنى كېڭەيتىپ قۇرغان. 1741-يىلى رىم پاپاسى ئۇنىڭغا <ئەڭ ئىخلاسمەن جاناب> دېگەن نامنى ئىنئام قىلغان.