Uyghur主要词典
گائاگا
دۇنيادىكى شەھەرلەر
گوللاندىيىنىڭ غەربىي دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان چوڭ سانائەت مەركىزى. خان سارىيى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق شەھەر، شەھەر شىمالىي دېڭىز ياقىسىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان. ئاھالىسى ش ەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ 700 مىڭدىن ئاشىدۇ. گائاگا 1097 - يىلدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان، 18 - ئەسىرگە كەلگەندە كۈمۈش بۇيۇملىرى بىلەن فارفۇر بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئايلانغان. بۇ جاينىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمۇ تەرەققىي قىلغان. فرانسىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (1795 -، 1813 - يىللىرى) گائاگانىڭ ئىقتىسادىدا چېكىنىش يۈز بەرگەن. فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقاندىن كېيىن قايتىدىن فېئودال ئاق سۆڭەكلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىغا ئايلانغان. 1870 - يىلدىن كېيىن تېز تەرېەققىي قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزىگە ئايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا كېڭەيتىپ قۇرۇلغان. ھازىر ئۇ گوللاندىيىنىڭ مۇھىم سودا، پۇل - مۇئامىلە مەركىزى. شەھەرنىڭ نەشرىيات، قەغەز، يېمەك - ئىچمەك، ئۆي جاھازىلىرىنى ياساش قاتارلىق سانائەتلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. گائاگا دۆلەتنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى، شەھەردە 14 مۇزېي، ھەرخىل بۇيۇملار ساقلانغان ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت سارىيى، قەدىمىي قول ھۈنەر مەھسۇلاتلىرى، مۇزىكا، نەشرىيات بۇيۇملىرى، خەلقئارا سودا مەھكىمىسى بار.