Uyghur→Chinese主要词典
مارىگنا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
马林雅诺之战
mǎ lín yǎ nuò zhī zhàn
ئىتالىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (1494 - 1559)، فرانسىيە كورۇلى فرانسىس Ⅰ نىڭ قوشۇنى بىلەن مىلاندىكى شۋېتسارىيە ياللانما قوشۇنىنىڭ 1515-يىل 9-ئاينىڭ 13 - 14-كۈنلىرى مارىگنانودا (مىلاننىڭ شەرقىي جەنۇبى تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ) يۈز بەرگەن جەڭ. 40 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە قوشۇنى مىلان ئەتراپىدا كۈچلۈك مۇداپىئە ئىستىھكامى قۇرۇپ، ئىككى كۈنلۈك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق شۋېتسارىيىنىڭ 30 مىڭ كىشىلىك ياللانما قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان. كېيىن فرانسىيە قوشۇنى پۈتكۈل شىمالىي ئىتالىيىنى ۋاقتىنچە كونترول قىلغان.