Chinese→Uyghur主要词典
恩东戈王国
دۇنيا تارىخى
ئاندوگ پادىشاھلىقى
ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى بىر پادىشاھلىق. تەخمىنەن 1500-يىلى كونگو پادىشاھلىقىدىن كېيىن گۈللەنگەن. پايتەختى كاباستا پادىشاھنىڭ ئىسمى نگولا، پورتۇگالىيە تىلىدىكى ئانگولا مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. 1520-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ مىسسىئونېرلىرى بۇ يەرگە كىرگەن ھەمدە قۇل سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1575-يىلى پاۋلو دىئاس يېتەكچىلىدىكى يىراققا يۈرۈش قوشۇنى بېسىپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن پورتۇگالىيىگە قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش باشلانغان. ئايال پادىشاھ ئانزىنگا ئۇلارنىڭ مەشھۇر يولباشچىسى بولغان. 1669-يىلى پورتۇگالىيە تەرىپىدىن يوقىتىلغان.