Chinese→Uyghur主要词典
厄里倪厄斯
دۇنيا تارىخى
ئېرىنېس
(مەبۇدىلەر) قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئۈچ قىساس خۇداسى. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئاسمان خۇداسى ئۇرانۇسنىڭ قېنىدىن تۆرەلگەنىكەن (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە تۈن خۇداسىدىن تۇغۇلغانىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىسىفون، ئالېكتو ۋە مېگائېرا. ئۇلار زېمىننىڭ قەھرىدە ياشاپ، كىشىلىك دۇنيادىكى بارلىق گۇناھلارنى جازالاشقا مەسئۇل ئىكەن. بولۇپمۇ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرگەن قانلىق دېلولارنى سۈرۈشتۈرىدىكەن. قىياپىتى سۈرلۈك، ئادەتتە دۈمبىسىدە قاناتلىرى بار، بېلىگە زەھەرلىك يىلان يۆگەلگەن، قولىغا ئوتقاش تۇتقان. ئاغزىدىن قان پۈركۈپ ترۇغان قىلىپ تەسۋىرلىنىدىكەن. يۇنانلىقلار ئۇلاردىن ئەيمىنىدىكەن. ئېيتىلىشچە ئورېستېس (ئاگامېننوننىڭ ئوغلى) ئانىسى كليتايىمىنېسترانى ئۆلتۈرگەندە ئۇلار چىقىپ <ئانىلىق ھوقۇقى> نى قوغداپ، قان قەرزنى تۆلەتمەكچى بولغاندا بەختكە يارىشا ئافىنانىڭ ھامىيلىق قىلىشى بىلەن ئوررېستېس گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغانىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار يەنە ئۇمېنىدېس (خۇدالار) دەپ نام ئالغانىكەن. ئۇنىڭ مەنىسى <ئاق كۆڭۈللۈك خۇداسى> دېگەننى بىلدۈرىدۇ. باشقىچە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، <ئاق كۆڭۈللۈك خۇداسى> يۇنانلىقلارنىڭ <قىساس خۇداسى> غا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن قويغان نامى ئىمىش، رىم ئەپسانىلىرىدە ئۇلار فۇرىئائې (خۇدالار) ياكى دىراي (خۇدالار) يەنى غەزەپ، قىساس خۇدالىرى دەپ ئاتالغان.
دىن
è lǐ ní è sī
ئېرىنيېس