Chinese→Uyghur主要词典
鄂多亚克
دۇنيا تارىخى
ئودوئاك
(تەخمىنەن 434 - 493) رىم ئىمپېرىيىسى ياللانما قوشۇنىنىڭ ئاتامانى. گېرمان، راۋېننادا تۇرغان، گۋاردىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. مىلادى 476 - يىلى، غەربىي رىم ئىمپېراتورى رومۇلۇس ئاۋگۇستۇلۇس (475 - 476 - يىللىرى تەختتە تۇرغان) نى بىكار قىلىپ، ئىتالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. تارىختا ئۇ قۇرغان دۆلەت ئودوئاك پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. بۇ ۋەقە ئەنئەنىۋى تارىخ تۈزۈش ئىلمىدە، غەربىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ يوقىلىشى ۋە قەدىمكى قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. دەسلەپتە ۋىزانتىيە ئىمپېراتورىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. كېيىن شەرقىي گوتلارنىڭ سەردارى تېئودورىك بىلەن ئۇرۇشۇپ، راۋېننادا ئۈچ يىل مۇھاسىرە قىلىنىپ، شەرت قويۇپ (تېئودورىك بىلەن بىللە شاھ بولۇش) تەسلىم بولغان (493). كېيىن تېئودورىك تەرىپىدىن تەبرىكلەش زىياپىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
è duō yà kè
ئودوياكېر