—参考资料
ئۇدمۇرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرسوۋېت روسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى بىر مەمۇرىي رايون بولۇپ، ئۇرال تاغلىرىنىڭ غەربىگە، كاما دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. يەر مەيدانى 42 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 559 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ % 57نى رۇسلار، % 34نى ئۇدمۇرت خەلقلىرى تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى ئىژېۋسكى شەھىرى. ئۇدمۇرت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي قىسمىنى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200-300 مېتىر كېلىدىغان ئېدىرلىقلار، ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىنى دولقۇنسىمان تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ. ئىقلىمى مۆتىدىل ماتىرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 400-600 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. كان بايلىقلىرىدىن نېفىت، تورف قاتارلىقلار بار. ئۇدمۇرت 1920 - يىلى ۋوت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بىر قىسمى بولغان، 1934 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. سانائەتتە ماشىنىسازلىق سانائىتىنى (ئاپتوموبىل، ستانوك قاتارلىقلار) ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا نېفىت ئېلىش، پولات - تۆمۈر، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. چارۋىچىلىقى تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىقىدا قارا بۇغداي، ئاسىيا كەندىرى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇھىم شەھەرلىرى ئىژېۋسكى، ساراپۇل، ۋوتكىنسكى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。