—参考资料
ئەدەبىيات
ئەدەبىيات بىلىملىرى
گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ئۇسسۇل، دراما، كىنو، بىناكارلىق، ھۈنەر - سەنئەت قاتارلىقلار كونكرېت بەدىئىي ئوبراز يارىتىپ، ئوقۇرمەن - كۆرۈرمەنلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى تونۇشى ھەم چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى گۈزەللىكتىن بەھرە ئالدۇرىدۇ ۋە تەربىيىگە ئىگە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سەنئەت دېيىلىدۇ.
ھەر خىل سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىدىغان ماتېرىيالى ئوخشاشمايدۇ. رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، بىناكارلىق قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىدىغىنى سىزىق، رەڭ، توپا - لاي، خىش - كېسەك؛ مۇزىكا، ئۇسسۇل قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاۋاز، رىتىم، مېلودىيە، بەدەن ھەرىكىتى.... ئەدەبىياتنىڭ ئوبراز يارىتىش ماتېرىيالى − تىل. شۇڭا، ئەدەبىيات «تىل بىلەن ئوبراز يارىتىدىغان سەنئەت» ياكى «تىل سەنئىتى» دۇر.
تىل بىلەن ئوبراز يارىتىدىغانلاردىن رومان، پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، سەھنە ئەسىرى، نەسر قاتارلىقلار بار. يازغۇچى تۇرمۇش ھەققىدىكى كۆزىتىشى، تەسىراتى، تونۇشى، چۈشەنچىسىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ، ئەدەبىي ئوبراز شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئوقۇرمەن ئەسەرنىڭ تىلىدىن پايدىلىنىپ چۈشىنىش، ھېس قىلىش ۋە قايتا ئىجاد قىلىش ئارقىلىق كاللىسىدا ئەدەبىي ئوبراز شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تىل يازغۇچى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ كۆڭلىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ.
ئەدەبىيات تىل ياردىمىدە ئوبراز يارىتىدىغانلىقى بىلەن باشقا سەنئەت شەكىللىرىدىن سېلىشتۇرغۇسىز ئەۋزەللىككە ئىگە. چۈنكى، بىر پارچە رەسىمدە بىر كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە تۇرقىنى سىزغىلى بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ كاللىسىدىكى تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ مۇرەككەپ جەريانىنى سىزغىلى بولمايدۇ؛ پروزا ئەسەرلىرىدە ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭدا كىشىنىڭ پورترىتى، كىيىم - كېچىكى، مىمىكىسى (چىراي ئىپادىسى) قاتارلىق تاشقى نەرسىلەرنى تەسۋىرلەپلا قالماستىن، بەلكى پېرسوناژلارنىڭ ئىدىيىسى، ھېسسىياتى ۋە ئىنچىكە پسىخىكىلىق پائالىيەتلىرىنىمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. تىل بىلەن شەيئىلەرنى بايان قىلغىلى، ۋەقەلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگىلى، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى سۈرەتلىگىلى بولىدۇ. تىل زامان - ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى، رېئال ۋە مەۋھۇم ئەھۋاللارنى ئەركىن ۋە جانلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇڭا، تىل بىلەن ئوبراز يارىتىدىغان سەنئەت − ئەدەبىيات بولسا سەنئەت تۈرلىرى ئىچىدىكى ئىپادىلەش كۈچىگە ئەڭ باي سەنئەت ھېسابلىنىدۇ.
例句
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنى ئۆگەنمەن.
翻译: I studied important works in the history of Uyghur literature.
ئادەتتىكى ئىشلىتىلىش
参考资料
领域: ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرىكەڭ مەنىدە بارلىق كىتاب ۋە گېزىت - ژۇرناللارنىڭ بىر پۈتۈن يىغىندىسىنى، تار مەنىدە بولسا بەدىئىي ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ. تۈرلۈك ساھەلەرگە خاس ئەسەر ۋە كىتابلارنىمۇ ئومۇمەن ئەدەبىيات ئاتالغۇسى بىلەن ئاتاپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: <سىياسىي ئەدەبىيات>، <ئىقتىسادىي ئەدەبىيات>، <ئىلمىي ئەدەبىيات>.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。