—参考资料
ئۈچ خىل مائارىپنى تەڭ پىلانلاش
领域: شىنجاڭ مائارىپىچوڭلار مائارىپى
يېزىلارنىڭ ئاساسىي مائارىپى، كەسپىي مائارىپ، چوڭلار مائارىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەجرىبىسىنىڭ مۇھىم مەزمونى، ئۈچ خىل مائارىپقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مەنىسى بولسا: يېزا ئاساسىي مائارىپى، كەسپىي - تېخنىكا مائارىپى، چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويۇش بولۇپ، پەقەتلا مەلۇم بىرخىل مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇش ئەمەس، مۇۋاپىق قۇرۇلمىسى بولۇش، ئۇلارنى تەبىئىي تەرەققىي قىلىشقا قويۇۋەتمەسلىك، شۇجاينىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ھالدا مائارىپ قۇرۇلمىسى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، ئۈچ خىل مائارىپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ بىرلىككە كەلگەن كۈچ ھاسىل قىلىپ، بىر - بىرىنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 1987 - يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، تۇرپان شەھىرى، بۈگۈر ناھىيىسى، فۇكاڭ ناھىيىسى قاتارلىق يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش تەجرىبە
ناھىيىلىرىدە ئۈچ خىل مائارىپىقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش تەجرىبىسىنى قانات يايدۇردى، يېزا مائارىپىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئىككىنچى قارار قۇرۇلۇشى 16 ناھىيە، شەھەرگە تەرەققىي قىلدۇرۇلدى
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。