—参考资料
ئاسايىشلىق ھېكايەتلىرى
جۇڭگو قەدىمكى ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبلىرى
«ئاسايىشلىق ھېكايەتلىرى» سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئوردىدا تۈزۈلگەن بىر ھېكايىلەر توپلىمى، شىمالىي سۇڭ بەگلىكىدىكى لى فاڭ قاتارلىق كىشىلەر سۇڭ سۇلالىسىنىڭ خانى تەيزۇڭنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن تۈزۈپ چىققان، كىتاب تىنچ - ئاسايىشلىق يىللاردا تۈزۈلگەچكە، «ئاسايىشلىق ھېكايەتلىرى» دەپ ئاتالغان.
«ئاسايىشلىق ھېكايەتلىرى» دە خەن سۇلالىسىدىن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە بولغان500 نەچچە تۈرلۈك ھېكايە، خاتىرە، غەيرىي رەسمىي تارىخ توپلانغان، جەمئىي500 جىلد، ئۇنىڭدىن باشقا، مۇندەرىجىسى10 جىلد، كىتاب «ئەۋلىيا - ئەنبىيالار، ئايال ئەۋلىيالار، غەيرىي راھىبلار، ئەرۋاھلار، جىن - شاياتۇنلار، تۈلكە» دېگەنگە ئوخشاش تېمىسىغا قاراپ92 چوڭ تۈرگە،150 كىچىك تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان قەدىمكى ھېكايە ماتېرىياللىرى ساقلانغان.
«ئاسايىشلىق ھېكايەتلىرى» دە نەقىل كەلتۈرگەن كىتابلار، كونا ياغاچ باسما كىتابنىڭ بېشىدا بېرىلگەن نەقىل كەلتۈرگەن كىتابلار مۇندەرىجىسىگە قارىغاندا343 خىلدىن ئاشىدۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتتە نەقىل كەلتۈرگەن كىتاب475 خىل. بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى سۆكۈلۈپ كەتكەن، كەم - كۈتە ياكى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن، ئەۋلادلار پەقەت «ئاسايىشلىق ھېكايەتلىرى» ئارقىلىقلا ئۇ كىتابلارنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ. «ئاسايىشلىق ھېكايەتلىرى» دە شۇنچە نۇرغۇن قەدىمكى ھېكايىلەر ساقلانغان ھەم تۈرگە ئايرىپ تۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولغاچقا، كېيىنكى چاغلاردا ھېكايىچىلىق تارىخىنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا ناھايىتى زور قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن. لۇشۈن «قەدىمكى ھېكايىلەردىن ئۈلگىلەر»، «تاڭ، سۇڭ رىۋايەتلىرى توپلىمى» دېگەن كىتابلىرىنى تۈزگەندە، مۇشۇ كىتابتىن پايدىلانغانىدى. سۇڭ دەۋرىدىن كېيىنكى نۇرغۇن يازغۇچىلارمۇ دائىم «ئاسايىشلىق ھېكايەتلىرى» ئىچىدىن ماتېرىيال ئېلىپ، دراما، ئەلنەغمىلەرنى ئىجاد قىلغانىدى.