—参考资料
ئاكسىيە ئالدامچىلىقى جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغان، سوممىسى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - مۇرەككەپ ئوبيېكت بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاكسىيىنى نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى ۋە ئومۇمنىڭ، شەخسنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
197 - ماددا ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكىنى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامچىلىق قىلغانلاردىن، سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
287 - ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرىلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش جىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان خەزىنە چېكىنى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئاكسىيىلىرىنى ئىشلىتىپ ئالدامىلىق قىلغانلاردىن سوممىسى 5000 يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。