Uyghur主要词典
دېڭىز ئاپتاپپەرىسى
بىئولوگىيە
ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلار تىپى، مارجانلار سىنىپىنىڭ بىر خىلى. ئۇ سۆڭەكسىز، يەككە ئىندىۋىدلىق مارجان. بەدىنى سىلىندىر شەكىللىك، مۇقىم تەرىپى ئاساس تەخسىسى، ئەركىن تەرىپى ئېغىز تەخسىسى دېيىلىدۇ. ئېغىز تەخسىسىنىڭ مەركىزىدە ئۇزۇن يېرىقچە شەكىللىك ئېغىزى بولىدۇ. سېزىش بارماقلىرىنىڭ سانى ئالتە ياكى ئالتىنىڭ ھەسسىسى سانىچىلىك بولۇپ، ئېغىز ئەتراپىغا نەچچە ئايلانما بولۇپ تىزىلغان، تولۇق ئۇزارغاندا جۇخار گۈلى شەكلىدە بولۇپ، سەللا قىمىرلاپ كەتسە دەرھال قىسقىراپ بەدىنى ئىچىگە كىرىپ كېتىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئەسلىگە كېلىپ ئاۋۋالقىدەك ئۇزىرايدۇ. ئېغىزى ياپىلاق، ئېغىز قاناللىرى ئارقىلىق ھەزىم قىلىش، ئايلىنىش بوشلۇقىغا تۇتىشىدۇ، ھەزىم قىلىش - ئايلىنىش بوشلۇقى بەدەن دىۋارىدىن بوشلۇق ئىچىگە ئۇزىراپ كىرگەن جۈپلىشىپ تىزىلغان بۆلگۈچى پەردىلەر تەرىپىدىن بىرمۇنچە ئۇششاق بۆلۈمچىلەرگە بۆلۈنىدۇ. يەككە جىنسلىق، كۆپىيىش بېزى بەزى بۆلگۈچى پەردىلەرنىڭ گىرۋىكىدىكى بۆلگۈچى پەردە يىپچىلىرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم لىچىنكا دەۋرىدە دېڭىز سۈيىدە بىر مەھەل ئۈزۈپ يۈرگەندىن كېيىن مەلۇم بىر جايغا چاپلىشىپ مۇقىملىشىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىپ يېڭى ئىندىۋىدقا ئايلىنىدۇ. ئۇ ئۇزۇنىغا بۆلۈنۈش ياكى بىخلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جىنسسىزمۇ كۆپىيەلەيدۇ. ئۇنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، تارقىلىشى بەك كەڭ بولىدۇ. ئۇ يېقىن دېڭىزلاردىكى تاش ئارىلىقلىرىدىن ياكى لاي - قۇملاردىن تېپىلىدۇ ياكى قۇلۇلە - سەدەپ ۋە قىسقۇچپاقىلارنىڭ بەدىنىدە ياشايدۇ، شۇڭا ئۇ ئورتاقلىشىپ ياشاشنىڭ ئاتاقلىق مىسالى بولۇپ قالغان، يېشىل دېڭىز ئاپتاپپەرىسى (S.leu _ colena) سۇ كۆتۈرۈلۈش سىزىقى رايونىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.