Uyghur←Chinese主要词典
دىئونىسوس
دىنى سۆزلۈكلەر
狄俄倪索斯
dí é ní suǒ sī
ئۇنىۋېرسال
狄俄尼索斯
dí é ní suǒ sī
دۇنيا تارىخى
狄俄尼索斯
dí é ní suǒ sī
باشقىچە ئاتىلىشى باككۇس قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ھاراق ۋە شاتلىق خۇداسى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ زېۋىس بىلەن تېبېس مەلىكىسى سېمېلىېدىن تۇغۇلغانمىش؛ خانىكە ھېرا ئىچى تارلىق قىلىپ ھىيلە ئىشلىتىپ سېمېلېنى كۆيدۈرۈۋەتكەنمىش. زېۋىس دىئونىسومىنى چوڭ قىلىش ئۈچۈن يوتىسىغا تېڭىۋالغانمىش، شۇڭا زېۋىس بىر ئاز ئاقساپ ماڭىدىغان بولۇپ قالغانمىش، كېيىن ئۇنى مەبۇدە ئىنو ھەمدە تاغ ئورمانزارلىقىدىكى پەرىلەرنىڭ بېقىپ چوڭ قىلىشقا تاپشۇرغانمىش. ئېيتىلىشچە، دىئونىسوس ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ۋەۋېنوچىقىرىش بىلىمنى ئىگىلىگەچكە، دەسلەپتە كىچىك ئاسىيا ۋە فراكىيە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشقا سازاۋەر بولۇپ،كېيىن ئۈزۈم كۆپ چىقىدىغان گرېرتسىيە بولۇپمۇ ئوتتۇرا گرېتسىيە(ئافىنا) ۋە شىمالى گرېتسيە رايونىدا كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغانمىش. ئۇ يەنە ياۋايى ھايۋانلار قوشۇلغان بىر ھارۋىغا ئولتۇرۇپ مىسىر،ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا بارغانمىش، ئۇنىڭغا بىر تۇركۈم ئەسەبىي، ھاراققا ئامراق ئوغۇلقىزلار ھەمراھ بولغانمىش. باغانلا جايغا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ۋە ۋېنو چىقىرىش ھەققىدىكى ھۈنىرىنى تارقاتقانمىش. شۇڭا ھەرقايسى جايلار ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ نەزىرچىراغ قىلىدىغان بولغانمىش.قەدىمكى يۇناننىڭ تىياتىرى دىئونىسوسقا ئاتاپ ئۆتكۈزىدىغان مۇراسىم(ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناش) داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن.