Uyghur主要词典
دىئونيسىئوس
دۇنيا تارىخى
(1)دىئونيىسئوس (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 430-367)، سېراكوز (سىتسىلىيە ئارىلىدا) نىڭ تىرانى(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 405-367)ئاقسۆڭەكلەر پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى ھېرموكراتنىڭ ئوغلى، ياش ۋاقتىدا ھۆكۈمەت خادىمى بولغان، كېيىن كارفاگېنلىقلار بىلەن ھوقوقى كۈچىيىپ، مىلادىدىن 405 يىل ئىلگىرى تىران بولۇپ، سېراكوزدا 38 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئۇ مىڭ كىشىلىك<مۇھاپىزەتچى قوشۇن> تەشكىللەپ، زورلۇق بىلەن ئېغىر باج سېلىق يىغىپ ئارمىيىسىنىى(ئۇرۇش كېمىسى ياسىتىپ) كېڭەيتكەن ۋە ئۇلارنىڭ تەمىناتىنى كۆپەيتكەن. سىتسىلىيە ۋە جەنوبىي ئىتالىيە ئەتراپىدا(<بۈيۈك گرېتسىيە>)ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقوقىنى تىكلەشكەكۈچىنىڭ بارىچە ھەرىكەت قىلغان. شىمالىي قوشنىسى بولغان دېڭىز قىرغاق شەھەرلىرىدىن كاتانا، ناكىسۇس قاتارلىقلارنى ۋە غەربىي قوشنىسى بولغان لېئونتىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋالغان. مىلادىدىن 398-379 يىل ئىلگىرى، سىتسىليە ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كارفاگېنلىقلار بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلىپ، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىستېلاقىلىپ كافاگېنلىقلارنى ئارالىنىڭ غەربىي شىمالىي بۇرجىكىگە ئاپىرىپ قويغان؛ ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇنلىغان يۇنان شەھەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ سېراكوزنى غەربىي ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە كارفاگېن بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن. ئۇ تەختتىكى مەزگىلىدە، سېراكوزنى يۇنان ئۇسلۇبى بويىچە بېزەپ ۋە قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئەدەبىيات، سەنئەتچىلەرنى مۇكاپاتلاشنى يولغا قويغان؛ ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شائىر ھەم دراماتورگ بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئۇنىڭ سەھنە ئەسىرى ئافىنادا ئوينىلىپ مۇكاپاتلانغان. (2)دىئونىيسئوس(مىلادىدىن تەخمىنەن 395-343 يىل ئىلگىرى) سېراكوز تىرانى(مىلادىدىن 367-653 347-434ىل ئىلگىرى)، دىئونيىسىئوس 1نىڭ ئوغلى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، تاغىسى دىئونىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن ئەپلاتۇننى سېركوزئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ پەلسەپە سۆزلەتكەن؛ ئۇزۇن ئۆتمەي دىئوننىڭ سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن سۈرگۈن قىلىنغان. ئەپلاتۇن ئافىناغا يېنىپ كەلگەن. كېيىن ئەپلاتۇننى يەنە ئوردىغا تەكلىپ قىلغان(مىلادىدىن 361 يىل ئىلگىرى)بولسىمۇ، ئەپلاتۇن كەلمىگەن. مىلادىدىن 357 يىل ئىلگىرى دىئون ياللانما ئەسكەرلەرنى باشلاپ سېراكوزغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۇنى تەختتىن ئېلىپ تاشلىغان، جەنۇبىي ئىتالىيىنىڭ لوكرى دېگەن يېرىگە قېچىپ كەتكەن دىئون ئۆلتۈرۈلگەن(مىلادىدىن 335ىل ئىلگىرى)دىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، مىلادىدىن 734ىل ئىلگىرى تەختتكە چىققان، بىراق كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن. سېراكورنىڭ ئانا شەھەر دۆلىتى كورىنىف(كولېنىف)گېنرالى تىمولىئون قوشۇن باشلاپ دېڭىزدىن ئۆتۇپ سېراكوزنى بېسىۋېلىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلغان؛ مىلادىدىن تەخمىنەن 344 ياكى 343 يىل ئىلگىرى كورىنىففا قېچىپ بېرىپ، جاپالىق شارائىتتا ئۆلگەن. ئۇنى ئادەتتە ئاتىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن كىشىلەر كىچىك دىئونيىسوس دەپ ئاتىغان. ئۇنەزىم(شېئىرىيەت)نى ياخشى كۆرگەن. بىراق ئاتىسىغا قارىغاندا جىگەرسىز ئادەم بولغاچقا تۆھپىسى كۆپ ئەمەس.(3)دىئونيىسىئوس(ھالىكارناسسوسلىق، مىلادىدىن تەخمىنەن؟ـ8ىل ئىلگىرى)قەدىمكى يۇنانلىق تارىخشۇناس ۋە ستىلىستىكاشۇناس. كىچىك ئاسىيانىڭ ھالىكارناسوس شەھىرىدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 30 يىل ئىلگرى رىمغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. لاتىن تىلئەدەبىياتنى ئۆگىنىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. رىملىق مەشھۇر كىشىلەردىن تۇبېرۇ، كائېسلۇقاتارلىق كىشىلەر بىلەن دوست بولۇپ ئۆتكەن. ئۇ 20 توملۇق(بىر ئېيتىلىشىچە 22 توملۇق)<قەدىمكى رىم تارىخى>نى يېزىپ چىققان، بۇنىڭدىن بىزگە ئالدىنقى 10 تومى يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭدا ئەڭ قەدىمكى ئەپسانىلەر دەۋرىدىن تارتىپ مىلادىدىن 264يىل ئىلگىرىكى يىللارغا قەدەر(بىرىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشى باشلانغان ۋاقىتقا قەدەر)بولغان ۋەقە يېزىلغان؛ بۇدەل تارىخچى پولىبىينىڭ<ئومۇمى تارىخ>(مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن پونى ئۇرۇشىدىن باشلىنىدۇ)غابېرىپ ئۇلىنىدۇ. بۇ ئەسەر رىمنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى پايدىلىق ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە<دەسلەپكى دەۋرىدىكى ناتىقلار ھەققىدە>،<فۇكىدىدھەققىدە>قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.