Uyghur主要词典
دىۋار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تام.
چېگرا؛ توسۇق:
ئەجەب باغىكى ھەر دىۋارى ئانىڭ،
شەرافە سايەسى يەڭلىغ ھۇمانىڭ.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تام.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي - ئىمارەتنىڭ ئۈستىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان، كېسەك، خىش، لايدىن ياسالغان توسما.
«دىۋار» كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ.
تامنىڭمۇ قۇلىقى بار. توخۇ ئۇچسا تامغا قونار، لاچىن ئۇچسا تاغقا. ئاۋۋالقى خىشنى قىڭغىر قويسا گەرمېمار، يۇلتۇزغا يەتسىمۇ قىڭغىردۇر دىۋار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئۆي - ئىمارەتنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدىغان، خانىلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام، توسۇق.
ئۆي دىۋارى. ھويلا دىۋارى.
بىرەر نەرسىنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان ياكى بۆلەكلەرگە ئايرىپ تۇرىدىغان قسىمى.
ئاشقازان دىۋارى. سىلىندىر دىۋارى.