Uyghur主要词典
دىۋان مەجزۇب
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/490
بۇ ئەسەر شېئىرىىي توپلام بولۇپ، ئاپتورى: مەجزۇب، ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 17 × 14 سانتىمېتىر، 72 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/663
بۇ كىتابقا ئىككى ئەسەر قوشۇپ تۈپلەنگەن: ئالدىنقىسى، مەجزۇبنىڭ مۇھەببەت، ئادالەت قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ يازغان شېئىرلىرى. كېيىنكىسى، خالىس تەخەللۇسلۇق <شائىرنىڭ ھېكمەتلەر توپلىمى (؟)> بولۇپ، ئاپتورى: ئابدۇلئەزىز مەجزۇب. ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى: ھىجرىيە 1303 - يىلى، فورماتى: 26 × 15 سانتىمېتىر، 223 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.