Uyghur←Chinese主要词典
دۇربر
دۇنيا تارىخى
丢勒
diū lè
(1471-1528)گېرمانىيە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى ماي بوياق رەسسام، ئويمىچى ھەيكەلتىراش ۋە ئارخىتېكتور. نيۇرىنبېرگتا زەرگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسسلىپىدە دادىسىدىن زەرگەرلىكنى ئۆگەنگەن، كېيىن ۋولگېمۇت(1434-1519) تىن رەسىم سىزىش ۋە ياغاچ ئويمىچىلىقنى ئۆگەنگەن، كېيىن ۋولگېمۇت (1434 - 1519) تىن رەسىم سىزىش ۋە ياغاچ ئويمىچىلىقنى ئۆگەنگەن. ياشلىق مەزەخلىدە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىگە مايىلى بولغان. ئەسەرلىرىدە گۇمانىزم نۇقتىئىنەزەرى تولۇپ تاشقان، گېرمانىيە خەلقىنىڭ رىم كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇش روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. سەنئەت جەھەتتە، <ھەقىقىي سەنئەت تەبىئەتتە بولىدۇ> دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى سەنەئت غايىسى بىلەن شىمالدىكى گوتچە ماھارەت ۋە ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرگەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ياغاچ ئويما رەسىملەر گۇرۇپپىسى - <ۋەھىدىن خاتىرىلەر>، مىس ئويما رەسىم - <تۆت ئەۋلىيانىڭ سۈرىتى> ۋە رەسىملىرى بار. تۆت توملۇق <ئادەم بەدىنى نىسبىتى توغرىسىدا تەتقىقات> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، بۇنىڭ رېنگېنشۇناسلىق ۋە ئادەم ئاناتومىيىسى جەھەتتە زور تۆھپىسى بار. ئارخېتېكوترا سىستېمىسى جەھەتتىكى بەزى پەرەزلىرى گېرمانىيىنىڭ يېقىنقى زامان شەھەر قۇرۇلۇش ئىلمىدا قوللىنىلغان.