Uyghur主要词典
دۇربان
بىئولوگىيە
ئازانىيە (جەنۇبىي ئافرىقا) نىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى، مۇھىم سانائەت مەركىزى، چوڭ قاتناش تۈگۈنى. بۇ شەھەر 1824 - يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئەسلى نامى ناتال بولۇپ. 1835 - يىلى دۇربان دەپ ئۆزگەرتىلگەن. دۇربان ئازانىيىنىڭ ھىندى ئوكيان قىرغىقىدىكى مۇھىم پورتى، ئاتاقلىق سانائەت مەركىزى، ئاھالىسى شەھەر رايونلىرى بىلەن قوشۇلۇپ 874 مىڭدىن ئاشىدۇ. ئاسىيادىن كەلگەن كۆچمەنلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى %36 نى تەشكىل قىلىدۇ. دۇربان پۈتۈن ئازانىيە بويىچە ئېكسپورت قىلىدىغان، ئىمپورت قىلىدىغان ماللارنىڭ يېرىمىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. ئۇ ئازانىيە بويىچلا ئەمەس، ئافرىقا بويىچىمۇ چو ئومۇملاشقان پورتلارنىڭ بىرى. بۇ پورت ئارقىلىق ئازانىيىنىڭ مۇھىم كان بايلىقلىرى ئېكسپورت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ كۆمۈر، مارگانېتس، خروم، شېكەر، ئاشلىق قاتارلىقلار ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.