Uyghur主要词典
دۇپورت
دۇنيا تارىخى
(1759-1798)فرانسىيە بۇرژئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى فېللانچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئىنقىلابتىن ئاۋۋال پارىژ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرزىيەتچىسى بولغان. 1789-يىلى 5-ئايدا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ باشقا 46 ۋەكىلى بىلەن مىللىي پارلامېنتقا قاتناشقان. يېڭى ئەدلىيە ئورگىنى قۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان، كېيىن پارىژ جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1791-يىلى 7-ئايدىكى مارس مەيدانىدىكى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدىن كېيىن لامېت، بارناۋ بىلەن فېللان كۇلۇبىنى ئۇيۇشتۇرۇپ،<ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى>نى تەشكىل قىلىپ مونارخىيلىكـ ئاساسىيقانۇنلۇق تۈزۈمنى تەشەببۇس قىلغان. لۇ قېچىپ كېتىپ تۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن، كورۇلنى داۋاملىق قانات ئاستىغا ئېلىپ مۇنارخىيلىك ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى قاچقاندا مەقسىتىگە يېتەلمەي قولغا ئېلىنغان كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، يەنە ئەنگىلىيىگە قېچىپ كەتكەن. تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، مېۋە ئېيىنىڭ 18-كۈنى(1797-يىل 9-ئاينىڭ 4-كۈنى)دىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن شىۋېتسارىيىگە قېچىپ كەتكەن.