Chinese→Uyghur主要词典
杜林
دۇنيا تارىخى
ديۇرىڭ
(1833-1921)نېمىس پەيلاسوپى، چاكىدا ئىقتىسادشۇناس، ئۇششاق بۇرژۇئا سوتسىتالىزىمنىڭ ۋەكىلى، پرۇسىيىلىك بيۇروكرات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قانۇنشۇناسلىقتا ئوقۇپ، ئادۋۇكات بولغان. پرۇسىيىدە پراكتىكانت سودىيە بولغان. 1863-1877-يىللىرى بېرلىن ئونۋېرستىتىنىڭ پەلسەپە ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق لېكتورى بولۇپ، پرۇسىيە ھۆكۈمەت گېزىتى<دۆلەت خەۋىرى>گە داۋاملىق ماقالە يېزىپ تۇرغان. كېيىن <ھازىرقى زامان مىللىي روھى>، <شەخسىيەتچى ۋە نىجاتچى> ناملىق گېزىت ژورناللارنىڭ مۇھەررىرى بولغان. 70-يىللاردىن باشلاپ ئۆزىچە يېڭى <سوتسىيالىزىم سىستېمىسى>نى كەشىپ قىلدىم دەپ ئاتىۋېلىپ، ماركىسىزىمغا قارشى تۇرغان. 1875-يىلى گېرمانىيە سوتسىيال ئىشچىلار پارتىيىسى ئىچىدە موست، بېرنىشتېيىن قاتالىق كىشىلەر ۋەكىللىكىدە ديۇررىڭنى ھىمايە قىلغۇچى بىر مەزھەپ قۇرۇلۇپ پارتىيىنى پارچىلاپ ئۆز ئالدىغا پارتىيە قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. پەلسەپە جەھەتتە پوزىتىۋىزم، مېخانىكىلىق ماتېرىيالىزىم بىلەن ھەرخىل ئىدىئالىستىك پەلسەپىنى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن. ئاڭ مەۋجۇدىيەتنى بەلگىلەيدۇ؛ دەيدىغان ئىدېئالىزملىق ترانسېندېنتالىزم نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. ئۇ ئاۋال <دۇنيا ئەندىزىسى>ۋە<مەۋجۇت شەكىللىك تۈپ پرىنسىپ> بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە تەتبىق قىلىنىپ رېئال دۇنياغا ھاسىل بولغان دەپ ھېسابلىغان، ئىقتىسادشۇناسلىق دۇنيا بۇرژۇئا چاكىنا ئىقتىسادشۇناسلىقىنى تەرغىپ قىلىپ ماركىسنىڭ ئەمگەك قىممىتى تەلىماتى بىلەن قوشۇمچە قىممەت تەلىماتىنى بۇرمىلاپ ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، كاپىتالىستىك ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى قوغدىغان. ئۇ، <ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى> قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيىسىنى <ئەڭ ئاخىرقى، چېكىگە يەتكەن ھەقىقەت> سىستېمىسى دەپ ماختاپ، ماركسىزمغا <ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات> كىرۈزۈش كېرەك دەپ دەۋا قىلغان. ئۇنىڭ ئاتالمىش <نەزەرىيە سىستېمىسى>، كېيىنكى بېرنىشتېيىن رىۋېزىئونىزم ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 1876 - 1878-يىللىرى ماركس بىلەن مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، ئېنگېلس ئۆزىنىڭ <ديۇرىڭغا قارشى> ناملىق ئەسىردە ديۇرىڭنىڭ نەزىرىيىسىنى تەلتۈكۈس تەنقىد قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ديۇرىڭ ئۆزىنىڭ <ئىجتىمائى ئىسلاھاتچى>لىق نىقابىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئىرقچىلىقنى ئاشكارا تەرغىپ قىلىپ مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتۇرتقان، ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى بىلەن سوۋېت ھاكىمىيىتىگە چىش تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى؛ <خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائى ئىقتىسادشۇناسلىق كۇرسى>، <پەلسەپە كۇرسى>قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
杜林〈越〉
dù lín
دو لام
dù lín
دو لام
dù lín
دو لام