Uyghur主要词典
دۇكان ئايرىماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) شاگىرت مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان بولغاندا ئۇستىسىنىڭ دۇكىنىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ھۈنەر قىلماق: - دۇكان ئايرىغاندىن كېيىن، دەسمايىگە پۇلۇڭ بارمۇ؟ - دېدى ئۇ شاكىرغا. (2) كۆچمە. بىر پۈتۈنلۈك تەركىبىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولماق: بىر كۈنى تۈگمەنچىدىن بىرى دۇكان ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئابدۇل ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇلۇپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
شاگىرت مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان بولغاندا ئۇستىسنىڭ دۇكىنىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ھۈنەر قىلماق.
- دۇكان ئايرىغاندىن كېيىن، دەسمايىگە پۇلۇڭ بارمۇ؟ - دېدى كېرىمئاخۇن.
كۆچمە. بىر پۈتۈنلۈك تەركىبىدىن ئايرىلىپ ئۆزئالدىغا مۇستەقىل بولماق.
بوتانىكا، زوئولوگىيە قاتارلىق پەنلەر بىئولوگىيىدىن دۇكان ئايرىپ مۇستەقىل بىر پەن بولۇپ كەتتى.