Chinese→Uyghur主要词典
对虾
بىئولوگىيە
پراۋن
چوڭ راك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ قاسىراقلىقلار سىنىپىنىڭ ئون ئاياغلىقلار (دېكا پودالار) ئەترىتىگە كىرىدۇ. تېنى چوڭ ھەم ئۇزۇن، يېنىغا ياپىلاق، چىشىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18 - 24 سانتىمېتىر، ئەركىكى كىچىكرەك بولۇپ 13 - 17 سانتىمېتىر كېلىدۇ. چىشىسىنىڭ قاسىرىقى نېپىز، سۈزۈك، ئوچۇق كۆك، ئەركىكى سەل قوڭۇر سېرىق، بەدىنى باش، كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىغا بۆلۈنىدۇ. باش، كۆكرەك قالقىنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ماڭلاي خەنجىرىنىڭ ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى گىرۋەكلىرىدە ھەرە چىشلىرى بولىدۇ. باش، كۆكرەك قىسمىدا جەمئىي 13 جۈپ پۇتى (باش قىسمىدا بەش جۈپ، كۆكرەك قىسمىدا سەككىز جۈپ) بولۇپ، رەت بويىچە ئىككى جۈپ ئانتېننىسى، ئىككى جۈپ چوڭ تاڭلىيى، ئىككى جۈپ كىچىك تاڭلىيى، ئۈچ جۈپ تاڭلاي پۇتى، ئاخىرقى بەش جۈپى مېڭىش پۇتلىرى (رەسمىي پۇتلىرى) دىن ئىبارەت. رەسمىي پۇتلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن <ئون ئاياغلىقلار> دەپ ئاتالغان. رەسمىي پۇتلىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ جۈپىنىڭ ئاخىرقى ئۇچلىرى ئامبۇرسىمان، كېيىنكى ئىككى جۈپىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى تىرناقسىمان بولۇپ، ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋە ئۆمىلەش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. قورساق پۇتى ئالتە جۈپ بولۇپ، ئۈزۈش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ، ئەركەك - چىشىلىرىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى جۈپ قورساق پۇتلىرىنىڭ شەكلى ئوخشاشمايدۇ. تېگى لاي قۇملۇق تېيىز دېڭىزلاردا ياشايدۇ. ئاساسەن مەملىكىتىمىزنىڭ سېرىق دېڭىز، بوخەي دېڭىزى، چاڭجياڭ ئېغىزىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز رايونلىرىدىن چىقىدۇ. كۆچۈپ ئۈزۈپ يۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، باھار پەسلىدە كۆپىيىش ئۈچۈن كۆچۈپ بوخەي دېڭىز رايونىدىكى تېيىز دېڭىزلاردىكى تۇخۇم سېلىش ئوچاستىكىلىرىغا كېلىپ تۇخۇم سالىدۇ، سېنتەبر، ئۆكتەبرنىڭ باشلىرىدا يېڭى ئىندىۋىدلار يېتىلگەندىن كېيىن تارقاق راك توپلىرى يىغىلىشقا يۈزلىنىپ شىمالدىن سېرىق دېڭىزدىكى چوڭقۇرلۇقى 70 مېتىردىن ئاشىدىغان دېڭىز رايونلىرىدىكى قىشلاق ئوچاستىكىلىرىغا ئۈزۈپ كېلىدۇ. پراۋننىڭ شەكلى چوڭ، تەمى مەززىلىك، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە قىممىتى يۇقىرىراق تۈرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سۈنئىي ئۇسۇلدىكى جۈپ راك باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرى جۈپ راك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر يولىغا ئايلاندى.
ئۇنىۋېرسال
duì xiā
پراۋن )راكنىڭ بىر تۈرى(