Uyghur←Chinese主要词典
دۈشمەنگە ماددىي ياردەم بېرىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازا资敌罪
zī dí zuì
بۇ - ئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەنگە قورال - جابدۇق يەتكۈزۈپ بەرگەن، دۈشمەنگە ھەربىي ئەشيا بىلەن ياردەم بەرگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتۇرلۇقىدىكى ھاكىمىيەت ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۈشمەنگە قورال - جابدۇق يەتكۈزۈپ بېرىش ياكى دۈشمەنگە ھەربىي ئەشيا بىلەن ياردەم بېرىش قىلمىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
112 - ماددا ئۇرۇش ۋاقتىدا دۈشمەننى قورال - جابدۇق ۋە ھەربىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ ياردەم بەرگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
113 - ماددا بۇ بابتا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىدىن 103 - ماددىنىڭ 2 - تارمىقىدا، 105 -، 107 - ۋە 109 - ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دۆلەتكە ۋە خەلققە يەتكۈزگەن خەۋپى پەۋقۇلئاددە ئېغىر، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە قەبىھ بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ.
56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنسا بولىدۇ.
سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。