Uyghur主要词典
دۈشمەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەنپەئەت توقۇنۇش سەۋەبىدىن بىر - بىرىگە زىت تەرەپ.
دۈشمىنىڭنىڭ دۈشمىنى دوستۇڭ. ئاتا دۈشمىنىنى دوست تۇتما. دوستۇڭنىڭ دۈشمىنى بىلەن دۈشمىنىڭنىڭ دوستى ئوخشاشلا خەتەرلىك. دوستۇڭنىڭ دوستىنى دوست تۇتمىساڭمۇ بولىدۇ. دۈشمىنىڭنىڭ دوستىنى دۈشمەن بىل. ئىت ئېتەكتىن ئالار، ياۋ ياقىدىن. ياۋنىڭ ئېتىمۇ ياۋ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<ھەرب> ئۇرۇش - جەڭلەردە مەلۇم بىر تەرەپكە قارشى ئۇرۇش قىلغۇچى يەنە بىر تەرەپ؛ ياۋ.
دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كېچىسى پايلا (ماقال).
دۇنيا قاراش، غايە، مەنپەئەت جەھەتتە ئۆزىگە قارىمۇ قارشى بولغان كىشى ياكى گۇرۇھ؛ رەقىب.
يېغى ياندىن قوپار، دۈشمەن تاپاندىن (ماقال).
زىيان سالىدىغان يامانلىق قىلىدىغان كىشى، رەقىب.
كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن (ماقال).
كىشى ياكى نەرسىگە زىيان سالغۇچى نەرسە ياكى ھادىسە.
چېكەتكە زىرائەتكە دۈشمەن (ماقال).