Chinese→Uyghur主要词典
杜邦
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
dù bāng
دۇپونت
دۇنيا تارىخى
ديۇپون
(1870-1954)ئامېرىكىلىق مونوپول كاپىتالىسىت. فرانسۇز بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1890-يىلى ماسىن تەبىئىي پەن ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جەمەتى قۇرغان ديۇپون شىركىتىدە پەن تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىسسز مىلتىق دورىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشقا قاتناشقان. 1902-يىلى ئىككى نەۋرە ئاكىسى بىلەن بىرلىشىپ ديۇپون شىركىتىنى قۇرغۇچى ئې، ئى، ديۇپون (1771-1834) نىڭ كارخانىسىنى سېتىۋېلىپ، بوغالتىر مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان. 1915-ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى گۇرۇھ يەنە بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ قوشقان پېيىنى سېتىۋالغان. 1915-1920-يىللىرى شىركەتكە رەھبەرلىك قىلىپ شىركەتنىڭ خىمىيىلىك مەھسۇلاتىنى بىر قانچە ئون خىلغا يەتكۈزگەن ھەمدە باشقا سانائەت ساھەلىرىگە قول سالغان. 1920-يىلى گېنرال ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ باشقارما باشلىقى بولغان ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنە ديۇپون باشقارمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ سىياسىي جەھەتتە فرانكلىن روزۋېلتنى قوللاپ كەلگەن.