Chinese→Uyghur主要词典
端.霹雳
دۇنيا تارىخى
تۇئەن پېراك
(؟ - 1498) مالاككانىڭ باش ۋەزىرى، ئەسلى يەرلىك ئەمەلدار. 1456-يىلى پادىشاھ مۇزەفغەر شاھ (1446 - 1459 - يىللار تەختتە ئولتۇرغان) ئۇنى باش ۋەزىر (بېنداخارا) لىققا تەيىنلىگەن. ئۆلگىچە شۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 40 يىل داۋامىدا مالاككا قۇدرەت تېپىپ، سىيام (بۈگۈنكى تايلاند) نىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدا كېداغىچە بولغان رايوننى ۋە سوماترا ئارىلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىنى قوشۇۋالغان.