Uyghur主要词典
دى سۇلفىد بېغى
بىئولوگىيە
<گۈڭگۈرت - گۈڭگۈرتلىق باغ> - دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىككى دانە گۈڭگۈرت ئاتومى ئارىلىقىدا ھاسىل بولغان خىمىيىلىك باغنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل باغ نۇرغۇنلىغان ئاقسىللارنىڭ تەركىبىدە بولىدۇ. ئۇ ئاقسىللارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئوخشاشمايدىغان ئىككى تال پېپتىد زەنجىرى ياكى ئوخشاش بىر تال پېپتىد زەنجىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان قىسىملىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاقسىللارنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشى ۋە بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى تۇراقلاشتۇرۇپ تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاقسىللاردىكى دى سۇلفىد بېغى بۇزۇلىدىغان بولسا، ئاقسىللارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىقىنىڭ يوقىلىشىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.