Uyghur←Chinese主要词典
دېسمۇلىن
دۇنيا تارىخى
德穆兰
dé mù lán
(1760 - 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى. سودىيە ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئادۋوكات ۋە مۇخبىر بولغان. ئاقارتىش ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. 1789-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى رۇيار سارىيىدا ئاممىغا نۇتۇق سۆزلەپ، خەلقنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان ھەمدە ئاممىنى باشلاپ باستىلىيە تۈرمىسىگە يۈرۈش قىلغان. <فرانسىيە ئىنقىلابى ۋە بىرابانت ئىنقىلابى> دېگەن كىتابچىنى يېزىپ چىققان. دەسلەپتە كولدېرى كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولغان، كېيىن ياكۇبىنچىلار كۇلۇبىغا كىرگەن. 1792-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنڭ باش كاتىپى بولغان. 9-ئايدا مىللىي ئۇيۇشمىغا قاتناشقان. بۇلىسونىڭ ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، گىروندىچىلارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان؛ لېكىن ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن چاغدا دەنتون قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە چوڭ بۇرژۇئازلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا بۇرۇلۇپ، <كەڭچىلىك قىلغۇچىلار> نى تەشكىللىگەن. <كونا كولدېرى> گېزىتىنى چىقارغان، تېررورلۇق سىياسىتىە قارشى تۇرۇپ، <كەچۈرۈم قىلىش ھەيئىتى> نى تەسىس قىلىشنى، گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1794-يىلى 4-ئايدا دەنتون بىلەن بىللە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.