Uyghur←Chinese主要词典
دېسىدېرى
دۇنيا تارىخى
德西迪里
dé xī dí lǐ
لومباردىيىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (757 - 774). تەختتە ئولتۇرغان چاغدا ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا زېمىنىنى كېڭەيتكەچكە پاپا بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. فرانكونىيە كورۇلى چارلىس (كېيىنكى كۈنلەردىكى ئىمپېراتور چارلىس) پاپانىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مىلادى 773-يىلى قوشۇن باشلاپ، ئالىپ تېغىدىن ئېشىپ، ئىككىنچى يىلى ياۋىيا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، لومباردىيە پادىشاھلىقىنى يوقاتقان ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى فرانكونىيىگە قوشۇۋەتكەن. دېسىدېرى ئەسىرگە چۈشۈپ، فرانكونىيىدىكى بىر موناستىردا تا ئۆلگەنگە قەدەر قامالغان.