Uyghur主要词典
دېرەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىز، بەلگە؛ خەۋەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم، نەرسە ياكى ۋەقە _ ھادىسە توغرىسىدىكى مەلۇمات.
خەۋەر ھېچ ۋاقىت بولمايدۇ ئاياندەك، گۇمان يولىماس كۆڭۈلگە چىن راۋاندەك. ئادەمدە تەۋەززۇ ئەقىلدىن دېرەك، ئۇلۇغلۇق ھىممەتتىن تاپىدۇ بېزەك. ھازىرقى زامان ئۇچۇر زامانى، ئۇچۇر ئالماي ئىش قىلماق تەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر يەردىن بىر كىم ياكى بىر نەرسە ھەققىدە ئېلىنغان خەۋەر؛ ئۇچۇر.
ئىككى كۈنگىچە ھېچ يەردىن قىزنىڭ دېرىكى چىقمىدى.
بىرەر نەرسىدىن دالالەت بېرىدىغان ئالامەت، بەلگە، نىشانە.
ئۇنىڭ ھۆل ئۆتۈكى ۋە لاي يۇققان شەپكىسى جاپالىق، جەڭگىۋار ئىشلىرىدىن دېرەك بېرەتتى.