Uyghur←Chinese主要词典
دراگوۋىچ
دۇنيا تارىخى
达罗毗茶人
dá luó pí chá rén
(1878-1905)سېربىيە ئىشچىلار ھەركىتى پائالىيەتچىسى،سېربىيە سوتسىيال دېمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. سالاگىبۇ گراتىسلاردا ياغاچچىلىق قىلغان چاغدا نېمىس تىلىنى ئۆگەنگەن، ماركىس ۋەئېنگىلىس ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان. 1900-يىلى سوتسىيالىستىك گېزىت چىقارغان. بېلگىراد ئىشچىلار جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 2190-1905-يىللىرى سېربىيە سوتسىيال دېمۇكراتلارنىڭ ژۇرنىلى<ئىشچىلار خەۋەرلىرى>نىڭ مۇھەررىرى بولغان، 1902-1903-يىللىرى سېربىيە سوتسىيال دېمۇكراتلار پارتىيىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. كومىتېت ئىچىدە ئىسكەرىچ ئاغمىچىلىق گوروھىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1903-يىلى سېربىيە سوتسىيال دېمۇكراتلار پارتىيىسى قۇرۇلغاندا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنڭ سېكىرتارى بولغان، كېيىن پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.