Uyghur主要词典
دىققەتنىڭ بىقارارلىق
پسىخولوگىيە
(دىققەتنىڭ چېچىلىشى) بۇ زۆرۈرىي ۋاقىت ئىچىدە قارىتىلىشى ۋە مەركەزلىشىشى لازىم بولغان شەيئىگە تولۇق قارىتىلمىغان ۋە مەركەزلەشمىگەن ياكى قارىتىلىشى ۋە مەركەزلىشىشى لازىم بولغان شەيئىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان پسىخىك ھالەتتىن ئىبارەت. دىققەتنىڭ بىقارارلىقى دىققەتنىڭ بەرقارالىقىنىڭ تەتۈرىسى بولۇپ، بىقارارلىقتا ئاڭلىق دىققەت تېگىشلىك ئوبيېكتقا ۋاقتىدا قارىتىلماي ۋە مەركەزلەشمەي، مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچقا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. دىققەت چېچىلىشنىڭ (بىقارارلىقىنىڭ) سەۋەبى ئالدى بىلەن دىققەتنىڭ تولۇق بەرقارالاشمىغانلىقى. لېكىن مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىغۇچىنىڭ كۇچلۈكلىكى، يېڭىلىقى، سوبيېكتىپ جەھەتتىن سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق،روھىي ھارغىنلىق ياكى كەيپىياتى ياخشى بولماسلىقتەك تاسادىپىي ئامىللارمۇ دىققەتنىڭ بىقارارلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىختىيارىي (ئاڭلىق) دىققەتنىڭ ئۆز ۋاقتىدا كۆچۈرۈلمەي بىر ئىزدا ئۇزاق تۇرۇپ قېلىشىمۇ دىققەتنىڭ چېچلىشىغا (بىقارارلىقىغا) سەۋەب بولىدۇ.