Uyghur主要词典
دىققەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئىنچىكىلىك، نازۇكلۇق:
نازۇك تەبىئەتلىك.
ھوش.
1. قان يۇتۇپ دىققەت بىلەن ۋەسفىڭنى ئىنشا ئەيلەدىم،
بىلمەدىڭ قەدرىنى سەن، ئەي ماھ رۇھ ئەفزا، دەرىغ.
قەلەندەر.
5. مەھۋ ئولدى مىيانىڭدە خەيالىم بۇ سەبەبدىن،
دىققەت قىلىبان قىل كەبى نازۇك سۇخەن ئىستر.
تەجەللى.
ئېھتىيات.
ئوي، پىكىر، تەپەككۇر:
چۈشىنىش ھەددىن تاشقىرى قىيىن بولغان مەزمۇن.
سەزگۈ، دىققەت ۋە ئەستە ساقلاش
»دىققەت« خۇددى كۆڭۈلنىڭ ۋىكليۇچاتېلىدەك ئادەمنىڭ پسىخىكىلىق پائالىيىتىنى مۇئەييەن ئوبيېكتقا قارىتىدۇ ۋە مەركەزلەشتۈرىدۇ، مەيلى شەيئىلەر ھەققىدىكى بولغان ھېسسىي بىلىش بولسۇن ياكى ئەستە ساقلىنىش، تەپەككۇر قىلىش بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىققەت جەريانىدىن ئايرىلالمايدۇ. كىشىلەر ئالدى بىلەن بىرەر نەرسىگە دىققەت قىلىپ ئاندىن ئۇنى ئىدراك قىلىدۇ، ئەستە قالدۇرىدۇ ۋە پىكىر يۈرگۈزىدۇ.
كىشىلەر مەلۇم ئىشقا دىققەت قىلغاندا، ئۇلاردا ئادەتتە ماس تاشقى ئىپادە بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ماس ھەرىكەت قىلىدۇ. مەسىلەن، بىرەر ئاۋازغا دىققەت قىلغاندا، قۇلىقىنى ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىتىدۇ؛ مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە، قوشۇمىسىنى تۈرىدۇ، بۇنى دىققەتنىڭ يۆنىلىشچانلىقى دەيمىز. ئىككىنچىدىن، مۇناسىۋەتسىز بەزى ھەرىكەتلەرنى توختىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاۋاتقاندا، قولدىكى قەلەم تەبىئىي ھالدىلا يېزىشتىن توختايدۇ، بەزىدە نەپەسلىنىشمۇ يەڭگىللەيدۇ ۋە ئاستىلايدۇ؛ مەلۇم بىر ئىشقا ئىنتايىن جىددىي دىققەت قىلىۋاتقاندا، ھەتتا نەپەسمۇ ئاستىلاپ كېتىدۇ، مانا بۇ دىققەتنىڭ مەركەزلىشىشى.
دىققەت ئاساسەن ئاڭسىز دىققەت ۋە ئاڭلىق دىققەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئاڭسىز دىققەت ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسەت بولمىغان، ئىرادە تىرىشچانلىقىغىمۇ تايانمايدىغان دىققەت. ئۇ دائىم ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، دەرسخانىدا توساتتىن بىر كىشىنىڭ ئىشىكنى چەككەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدۇ. ئاڭسىز دىققەتكە تىرىشچانلىق كەتمىگەنلىكتىن، ئالدىن تەييارلىق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى بولمايدۇ. شۇڭا، مۇنداق دىققەتنىڭ ئۈنۈمى ئاڭلىق دىققەتنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.
ئاڭلىق دىققەت ئالدىن بەلگىلەنگەن مەقسەت بولغان، زۆرۈر تېپىلغاندا، مۇئەييەن ئىرادە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان دىققەتنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سىز ھەرقېتىم بىر يېڭى پەننى ئۆگەنگىنىڭىزدە، گەرچە ئۇنىڭغا قىزىقسىڭىزمۇ، بىراق ئۇنىڭدا سۆزلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىز ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان، ئاسان چۈشەنگىلى بولمايدىغان نەرسىلەر بولۇپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىزدە ئاڭلىق دىققەت بولۇشى كېرەك. ئاڭلىق دىققەتتە مۇئەييەن ئاڭلىقلىق بولغاندىن تاشقىرى يەنە، بەزى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھامان ئاڭسىز دىققەتتىن ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدە ئاڭلىق دىققەتنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
پسىخولوگىيە
بۇ پسىخىك پائالىيەتنىڭ مۇئەييەن ئوبيېكتقا قارىتىلىشى ۋە مەركەزلىشىشتىن ئىبارەت . قارىتىلىش بىلەن مەركەزلىشىش دىققەتنىڭ ئالاھىدىلىكى، قارىتىلىش پىسخىك پائالىيەتنىڭ كىشىگە تەسىر قىلىۋاتقان نۇرغۇن شەيئىلەر ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ ئىنكاس قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ھال ئادەمنىڭ پسىخىك پائالىيىتىنىڭ تاللاش خۇسۇسىيتى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دىققەتنىڭ مەركەزلىشىشى قارىتىلىشنىڭ داۋامىشىشىنى كۆرسىتىدۇ، مەركەزلىشىش پسىخىك پائالىيىتى مۇناسىۋەتسىز شەيئىلەرنىڭ تەسىرىدىن ئايرىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاللاپ ئېلىنغان شەيئى بىر قەدەر ئېنىق، تولۇق، چوڭقۇر ئىنكاس قىلىنىدۇ. باشقا شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى مۇجمەل بولىدۇ، ياكى پەقەت ئىنكاس قىلىنمايدۇ. دىققەتنىڭ ئۆزى بىر خىل مۇستەقىل پسىخىك جەريان ئەمەس، ئۇ تۈرلۈك پسىخىك جەريانلارنىڭ بىر خىل ئورتاق ئالاھىدىلىكى. ھەر بىر پسىخىك جەريان ھامان ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇئەييە ئوبيېكتقا قارىتىلغان ۋە مەركەزلەشكەن بولىدۇ. كىشلەرنىڭ ئەمەلىيىتى جەريانىدا دىققەت ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. دىققەتنى جەلپ قىلىدىغان ئامىل (ياكى سەۋەب) بەزىدە شەيئىنىڭ ئۆزى ئالاھىدىلىكى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن : كۈچلۈك، غەلىتە، پەرقى، ئېنىق، ئۈزلۈكسىزس ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئامىللار بولۇشى؛ بەزىدە سوبيېكتىپ ئامىل بولۇشى مۇمىكىن، مەسىلەن : كۆزس ئالدىكى ۋەزىپىسى بىلەن پوزىتسىيىسى، ئادەتتىكى روھىي ھالىتى، شەخسىي قىزىقىشى، ئېھتىياجى، بىلىم تەجرىبىسى ۋە دۇنيا قاراشلىرى بولۇشى مۇمىكىن. مۇئەييەن بىر شارائىتتا سوبيېكتىپ ئامىل ئوبيېكتنى تاللاش ۋە دىققەتنى داۋاملاشتۇرۇشتا بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ.
دىققەت بىر خىل «يۆنىلىشلىك رېفلېكس» ۋە «ماسلىشىچان رېفلېكس». ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى ئاساسەن چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ئۈستۈن تۇرغان قوزغىلىش مەركىزى بىلەن ئۆز ئارا ئىندۇكسىيە رولى. «يۆنىلىشلىك رېفلېكس» يۈز بەرگەندە، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ مەلۇم رايونىدا ئۈستۈن تۇرىدىغان قوزغىلىش مەركىزى پەيدا بولىدۇ . شۇنداق قىلىپ، ئورگانىزمىدا ھەر خىل ماسلىشىشچان رېفلېكس پائالىيىتى كېلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە مۇناسىۋتلىك شەيئىنى ئېنىق ئەكس ئېتىدىغان بولىدۇ. ھەمدە پوستلاق قەۋەتنىڭ باشقا رايونلىرى مەنپىي ئىندۇكسىيە تەسىرى ئارقىسىدا، مەلۇم دەرىجىدە تورمۇزلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ. مۇشۇ رايونغا ماس شەيئىلەر ئەكس ئېتىلمەيدۇ، ياكى ئېنىق ئەكس ئېتىلمەيدۇ، بۇ خىل «يۆنىلىشلىك رېفلېكس» بىلەن «ماسلىشىشچان رېفلېكس» ئادەمنىڭ ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى پائالىيىتى بىلەن يېقىن باغلىنىشلىق، مەسىلەن : كىشىلەر ھامان ئۆزىنىڭ دىققىتىنى ئىچكى تىل ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا تىزگىنلەپ كونترول قىلىدۇ. ھازىرقى زامان نېرۋا فىزىئولوگىيىسىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دىققەت چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى پوستلاق ئاستىدىكى بىر قانچە نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ رولى بىلەن، بولۇپمۇ مېڭە سېپىدىكى تورسىمان قۇرۇلمىنىڭ رولى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمەن ئالغاندا، يۇقىرىغا ماڭغان تورسىمان سىستېما چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ئويغاق ھالەتنى قوزغايدۇ ۋە داۋاملاشتۇرىدۇ (ساقلايدۇ)، شۇنىڭ بىلەن، دىققەتنىڭ شەكىللىنىش ۋە داۋاملىق ساقلىنىشىغا ئىمكانىيەت بېرىدۇ. تۆۋەنگە ماڭغان تورسىما سىستېما مەركەزگە ئىنتىلگەن سەزگۈ نېرۋىسىدىكى ئىمپۇلسنى «تاسقاپ تاللايدۇ» ھەمدە كۆرۈش دۆڭچىسىنىڭ ئالاھىدە بولمىغان يادروسى ۋە قۇيرۇقسىمان يادرو ھەم سەقەنقۇرلار بىلەن دىققەتنىڭ تاللىشىنى ئىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن، تۈرلۈك پسىخىك پائالىيەتلەرنىڭ يۆنىلىشىگە ئىمكانىيەت بېرىلىدۇ، دىققەت قىلغاندا ، تاشقى جەھەتتە ھامان مەلۇم ئىپادىسى بولىدۇ. يەنى ماسلىشىشچان رېفلېكس بولىدۇ. مەسىلەن : پەۋقۇلئاددە قىياپەت ۋە ھەرىكەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، تېخىمۇ ياخشىراق ئىدراك قىلىپ، ئەتراپىمىزدىكى ئۇچۇر تەسىرىنى ئوبدان كۆزەتكىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
پىكىر، ئەس - ياد، ئوي - خىيال؛ ئېتىبار، زېھىن.
ئۇ يەردە دوختۇر - سېسترالار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئاتا - ئانىڭىز بولۇپ، ھەممىسىنىڭلا دىققىتى سىزدە ئىدى.
<بىلەن> ياكى ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى <تە> بىلەن كېلىپ، <ئەستايىدىللىق بىلەن>، <ئېتىبار بىلەن>، <پۈتۈن زېھنىنى يىغقان، مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
پاتىگۈل تېخىمۇدىققەت بىلەن سەپسالدى.
باشقىلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۈندەش يۈزىسىدىن قوللىنىپ <زېھنىڭ (لار) نى يىغىپ، تىنچ تۇر(ۇڭلار)!> دېگەنگە ئوخشاش مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
- دىققەت، ھازىر دەرس باشلايمىز، - دېدى مۇئەللىم دەرس مۇنبىرىگە چىقىپ.
<قەددىڭنى رۇسلاپ، ئېسىڭنى يىغىپ ھوشيار تۇر> دېگەن مەنىدىكى كوماندا بۇيرۇقى.
- دىققەت! - بەنجاڭ سەپكە تىزىلغان ئەسكەرلەرگە كوماندا بېرىپ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئوقۇپ ئۆتۈشكە باشلىدى.
<پسىخول> پسىخىكىلىق ھەرىكەتنىڭ مەلۇم بىر ئوبيېكتىغا قارىتىلىشى ۋە مەركەزلەشتۈرۈلۈشى.