Uyghur←Chinese主要词典
دىپو نېگورو ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
蒂博.尼哥罗战争
dì bó .ní gē luó zhàn zhēng
ياۋا ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياۋا خەلقىنىڭ 1825 - 1830-يىللاردىكى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە ئۇنىڭ مۆھۈرلەپ بېرىلگەن يېرىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاشيول ياسىغانلىقى ھەمدە ئۇنى قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، قوزغىلاڭ پارتلىغان. 1825-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، دىپو نېگورو ئىسلام دىنىنى قوغداش نامى بىلەن خەلقنى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. كەڭ دېھقانلار ۋە بىر قىسىم فېئوداللارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى 1825-يىلى 7-ئايدىن 1826-يىلى 10-ئايغىچە ئوتتۇرا ياۋانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى، شەرقىي ياۋانىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئازاد قىلغان. دىپو نېگورو 1825-يىلى 10-ئايدا ياۋا ئىسلام پادىشاھلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزى سۇلتان بولغان. 1827-يىلى 1-ئايدىن 1828-يىلى 3-ئايغىچە، گوللاندىيە قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى دى كوك <قورغان تاكتىكىسى> دىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن قوزغىلاڭنى باستۇرغان قوشۇنىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر جەھەتتىن تىنچلىق سۆھبىتى سۇيىقەستىنى ئىشلىتىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنى پارچىلىغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ بىرمۇنچىلىغان باشلىقلىرى ئارقا - ئارقىدىن دۈشمەنگە تەسلىم بولغان. دىپو نېگورو 1830-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان چاغدا قولغا ئېلىنغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان