Uyghur←Chinese主要词典
دوۋنىڭ
دۇنيا تارىخى
唐宁
táng níng
(1623 - 1684) ئەنگلىيىلىك دىپلومات. دەسلەپكى يىللاردا ئامېرىكىدىكى خارۋارد داشۆسىدە ئوقۇغان، 1646-يىلى ئەنگلىيىگە قايتقان. 1649-يىلى شوتلاندىيىدە تۇرۇشلۇق گېنېرال بولۇپ، ئاخبارات خىزمىتىنى باشقۇرغان. 1657-يىلى ئەنگلىيىنىڭ گوللاندىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1660-يىلى چارلېس Ⅱ گە بېقىنىپ، 1663-يىلى بارون مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغان. كېيىن ھۆكۈمەت ئىچىدە داۋاملىق خىزمەت ئىشلىگەن. نۇرغۇن بايلىق توپلاپ لوندوندىكى بىر كوچىنى، يەنى ھازىرقى دوۋنىڭ كوچىسىنى سېتىۋېلىپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سارىيى تۇرۇشلۇق جاي قىلغان.