Uyghur主要词典
دوتتېردام
بىئولوگىيە
گوللاندىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتى، مۇھىم سانائەت مەركىزى. ئۇ يالغۇز گوللاندىيە بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ ئەڭ چوڭ پورت. بۇ جاي 13 - ئەسىردە كىچىك بىر شەھەرچە بولۇپ قۇرۇلغان. 1600 - يىلغا كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ گوللاندىيە بويىچە ئىككىنچى چوڭ پورتقا ئايلانغان. 1870 - يىلى پورت بىۋاسىتە شىمالىي دېڭىز بىلەن تۇتاشقاندىن كېيىن، دۇنيا خاراكتېرلىك چوڭ پورتقا ئايلانغان. ھازىر شەھەر ئاھالىسى 579 مىڭدىن ئاشىدۇ (1980). ھازىر بۇ پورتقا 545 مىڭ توننىلىق غايەت زور تىپتىكى نېفىت پاراخوتلىرى كىرىپ توختىيالايدۇ. پاراخوت توختاش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 37 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ جايدا نۇرغۇن مەخسۇسلاشقان پرىستانلار بار. پورتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى زامانىۋى، شۇڭا بۇ جايدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار 16 مىڭدىن ئاشمايدۇ. شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى بەك تەرەققىي قىلغان. بۇ جايدا گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان نېفىت تۇرۇبىسى بار. بۇلاردىن باشقا نېفىت سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، كېمىسازلىق، پولات - تۆمۈر قاتارلىق چوڭ زاۋۇتلار ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. روتتېردام يەنە مۇھىم سودا، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، مۇزېيلار بار.