Uyghur主要词典
دورىئانلار
دۇنيا تارىخى
دورىسلار ياكى دورىيالىقلار دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمكى يۇنان ئاھالىلىرىنىڭ بىر خىلى. ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسى يۇنان تىلى تۈركۈمىگە كىرىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىۋايەتتىكى دوروسنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئەسلى ئوتتۇرا يۇناننىڭ دوروس رايونىدا ئولتۇراقلاشقانىكەن. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅡ ئەسىردىن ⅩⅠ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا زور تۈركۈملەپ جەنۇبقا كۆچۈپ، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا كىرىپ، يەرلىك ئاكاييالىقلارنى ئارقا - ئارقىدىن بويسۇندۇرۇپ ۋە قوغلاپ چىقىرىپ، مەزكۇر رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا ئىگە مىللەتكە ئايلانغان. مۇستەملىكىلىرىنى كېڭەيتىش داۋامىدا، يەنە سىرتقا قاراپ كېڭىيىپ، كرىت، رودوس، كوركىرى ئاراللىرى ھەمدە سىتسىلىيە ئارىلى ۋە ئىتالىيىنىڭ جەنۇبى (چوڭ يۇنان) دا بىر مۇنچە مۇستەملىكە شەھەرلىرىنى قۇرغان. پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىد ئولتۇراقلىشىپ قالغان دورىئانلار سپارتا، كورىنىف، ئارگوس قاتارلىق مەشھۇر يۇنان شەھەرلىرىنى قۇرۇپ چىققان.