Uyghur主要词典
دورا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ماددا.
دورا ئىچمەك.* دورا قايناتماق.* تالقان دورا.* كومۇلاچ دورا، مەلھەم دورا.* كەمبەغەلنىڭ چېيى چىشقا دورا ( ماقال ). ئىتنىڭ چىش ئاغرىقىغا ئېشەك گۆشى دورا ( ماقال ).
2. ئىسسىقلىقتىن ياكى ئۇرۇلۇشتىن خىمىيىۋى ئۆزگىرىش ياساپ، ناھايتى يۇقىرى ھارارەتلىك گاز جىسىم پەيدا قىلىدىغان بىرىكمىلەر ياكى ئارىلاشمىلار. مىلتىق دورىسى.* پارتلاتقۇچ دورا.
3. دېھقانچىلىقتا ھاشارەت ۋە قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش، زىيانداش قۇشلار ياكى زىيانداش ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش، ياۋا ئوتلارنى يۇقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان خىميىۋى ماددا. دېھقانچىلىق دورىلىرى.* 666 دورىسى، د.د.ت دورىسى.* چاشقان دورىسى.
4. تېتىتقۇ، ئىچكۈلۈك _ يېمەكلىكلەرگە تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن سېلىنىدىغان ھەر خىل پۇراقلىق ياكى قۇۋۋەتلىك نەرسىلەرنى . چاي دورىسى.* دورا _ دەرمان.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
دورىماق، دوراش. باشقا بىر ئىش ھەرىكەتنى تەقلىد قىلىپ ئۆگەنمەك، كۆرسەتمەك.
دورامچى، دورامچىلىق، دورامچۇق.* دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق ( ماقال ).* ئەھەت قۇشلارنىڭ سايرىشىنى دوراشقا ئۇستا.* بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قېرى كۆرگەننى سورايدۇ ( ماقال ).* قاغا بۇلبۇلنىڭ سايرىشىنى دۇرايمەن دەپ، قاق ئېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ( ماقال ).* ئوغۇل ئاتىنى دورايدۇ، قىز ئانىنى ( ماقال ).* تىلىڭ كەلمىسە دورىما، خۇشۇڭ كەلمىسە سورىما ( ماقال ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ماددا.
يازنىڭ تېزىكى قىشقا دورا. نېمە ئانچە ئاچچىقسەن؟ _ دەپ سوراشتى كۆكتاشتىن. _ مەن دورىمەن! _ دەپ جاۋاب بەردى كۆكتاش. دورا بىلەن جان باققىلى بولماس. ئاچلىق ئەڭ ياخشى دورا، ھارغىنلىق ئەڭ ياخشى ياستۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<تېب> كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ماددا.
دورا ئىچمەك. دورا قايناتماق.
كۆچمە. دەردكە دەرمان بولىدىغان، غەم - غۇسسىلەرنى يوقىتىدىغان نەرسە؛ داۋا.
كەمبەغەلنىڭ چېيى چىشقا دورا (ماقال).
كۆچمە. ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن، مەست قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىچىملىك، مۇسەللەس.
ئاۋاتتا ئۈزۈمدىن دورا قايناتمايدىغان ئائىلە يوق دېيەرلىك.
<ھەرب> پارتلاتقۇچ ماددا.
مىلتىق دورىسى.
<خىم> زىيانلىق ھاشاراتلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان خىمىيىۋى ماددا.
چاشقان دورىسى.