Uyghur主要词典
دوقال
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
توقۇنۇش، پەسىل ئالمىشىش ۋاقتى، پەسىل ئالمىشىشىدا بولىدىغان ھاۋا توقۇنۇشى ياكى جۇدۇن _ چاپقۇن. مەسىلەن: ئالدىرىمايلى سەيلىگە، ئالدىمىزدا دوقال بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىيىن ئۆتكەل، قىيىن پەيت؛ توسالغۇ، خەتەر.
- بىراق، بىر دوقالنى تازىلىۋەتمەي بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ، - دېدى ئۆمەر باي.
دائىم بولۇپ تۇرىدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرى.
بۇ گۈزەل بېغىمنىڭ گۈل - چېچىكىنى جۇدۇنلۇق دوقاللار سۇندۇرالمىدى.