Uyghur←Chinese主要词典
دونېسكى شەھىرى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
顿涅茨克市
dùn niè cí kè shì
ئوكرائىنانىڭ دونباس رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھىرى، مۇھىم پەن - تېخنىكا مەركىزى، دونېسكى ئوبلاستىنىڭ پايتەختى. بۇ شەھەر كالىمىئوس دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان، قانال ئارقىىق شىمالىي دونېسكى دەرياسى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ. 1924 - يىلدىن ئىلگىرى <يوزوفكا> دەپ ئاتالغان. 1924 - يىلدىن 1961 - يىلغىچە <ستالىنو> دەپ ئاتالغان. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 73 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). شەھەر ئەتراپىدا كۆمۈر زاپىسى ناھايىتى مول. بۇ جاي 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يېرىمىدىن باشلاپ تۆمۈر يوللارنىڭ قۇرۇلۇشى، كۆمۈر كېنىنىڭ ئېچىلىشى، پولات - تۆمۈر سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېز تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. ھازىر بۇ جاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۆمۈر سانائەت بازىلىرىنىڭ بىرى. شەھەرنىڭ پولات - تۆمۈر، خىمىيە، كان ماشىنىلىىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەردە نۇرغۇنلىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، پەن - تەتقىقات ئورگانلىرى بار.