Chinese→Uyghur主要词典
动作技能和心智技能
پسىخولوگىيە
ھەرىكەت ماھارىتى ۋە ئەقلىي ماھارەت
ھەرىكەت ماھارىتى ئاساسەن مۇسكۇل ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، تاشقى ھەرىكەتتە، شەيئىلەرنى بىۋاسىتە ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ماشىنىلارنى باشقۇرۇش، خەت يېزىش، گېمناستىكا ئويناش، توپ ئويناش قاتارلىقلاردىكى ماھارەت ھەرىكەت ماھارىتى ھېسابلىنىدۇ. ماھارەتنىڭ يەنە بىر خىلى ئەقلىي ماھارەت بولۇپ، بۇ ئاساسەن بىلىش پائالىيىتىدۇر. بۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى تەپەككۇر. مەسىلەن، مەسىلىلەرنى يېشىش، كۆڭۈلدە ھېسابلاش، كىتاب ئۇقۇش، ئەسەر يېزىش ماھارەتلىرى. توغرا تەپەككۇر ئۇسۇلىنى ئىگىلەش ئەقلىي ماھارەتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى. بۇ ئىككى خىل ماھارەتنى بىر بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت پائالىيەتتە قايسى تەرەپ يېتەكچى ئورۇندا تۇرغانلىقىغا قاراش كېرەك.
ئەقلىي ماھارەت ئىچىدە مەلۇم بىر خىل بىلىش پائالىيىتىدە شەكىللەنگەن ئەڭ ئاساسلىق مەخسۇس ماھارەت بولىدۇ. مۇنداق ماھارەت مەخسۇس ئەقلىي ماھارەت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كىتاب ئوقۇش، ماقالە يېزىش، ھېسابلاش ماھارتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئىگىلىشى زۆرۈر بولغان ئەڭ ئاساسىي مەخسۇس ماھارەتلەر، ئادەتتىكى بىلىش پائالىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر قەدەر ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى ماھارەتلەر ئادەتتىكى ئەقلىي ماھارەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەقلىي ماھارەتلەر تۈرلۈك مەخسۇس ئەقلىي ماھارەتلەردە گەۋدىلىنىدۇ. تۈرلۈك مەخسۇس ئەقلىي ماھارەتلەردە مەلۇم دەرىجىدە ئادەتتىكى ئەقلىي ماھارەتلەر بولىدۇ. ھەرىكەر ماھارىتىمۇ ئەقلىي ماھارەتتەك تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەت ماھارىتى ۋە ئادەتتىكى ھەرىكەت ماھارەتلىرىگە بۆلىنىدۇ.