Chinese→Uyghur主要词典
东印度党
دۇنيا تارىخى
شەرقىي ھىندۇنېزىيە پارتىيىسى
ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن گوللاندىيىلىكلەر قۇرغان ئىلغار سىياسىي تەشكىلات. 1912 - يىلى قۇرۇلغان. قۇرغۇچىسى دېككېر. بارلىق ھىندۇنېزىيىلىكلەرنى يەنى ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلۇپ - ئۆسكەن، ھىندۇنېزىيىنى ۋەتەن قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەممىسىنى مىللەت ئايرىماي، بىردەك باراۋەر بولۇش، ئاخىرقى ھېسابتا گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ھىندۇنېزىيىدە تۇغۇلغان گوللاند - ھىندى ئارغۇنلىرى ئىدى. مەزكۇر پارتىيىدىكىلەر گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى دائىرلىرىگە قارشى بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ ساندىكى رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن چېگرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. 1913 - يىلى تارقىلىپ كېتىشكە مەجبور بولغان.