Chinese→Uyghur主要词典
东西方教会大分裂
دۇنيا تارىخى
شەرق ۋە غەرب چېركاۋلىرىنىڭ چوڭ بۆلۈنۈشى
كاتولىك دىنىدىكى شەرق ۋە غەرب ئىككى مەزھەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىزا - جاڭجالدىن كېيىن، 1054 - يىلى پراۋسلاۋىيە دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مىلادى 395 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسى شەرق، غەرب رىم ئىمپېرىيىسى بولۇپ بۆلۈنگەندىن كېيىن، خرىستىئان دىنىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ شەرق، غەربتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن.شەرقىي تەرەپتىكى چېركاۋلار ئۆزلىرىنى <ئورتودوكسال دىن> دەپ ھېسابلاپ، <پراۋسلاۋىيە> دىنى دەپ ئاتىغان. كونستانتىنوپولدىكى ئارخېئېپسكوپ باشچىلىق قىلغان. غەربىي تەرەپ چېركاۋلىرى ئۆزلىرىنى <دۇنياۋى خاراكتىر>دىكى دەپ قاراپ، <كاتولىك> دىنى دەپ ئاتاپ، رىمئېپىسكوپى (Ⅴ ئەسىردىن باشلاپ ئۆزىنى پاپا دەپ ئاتىغان) باشچىلىق قىلغان. ھەرئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش، دىن تارقىتىدىغان رايونلارنى تالىشىش ۋە چېركاۋلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەسكىن كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئىككى تەرەپنىڭ دىنىي ئەقىدە مەسىلىسىدىمۇ سەل - پەل ئىختىلاپ بولغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا، جەنۇبىي ئىتالىيىدىكى دىنىي ھوقۇقىنى تالىشىپ زادىلاپېتىشالمىغان. 1054 - يىلى رىم پاپاسى بىلەن كونستانتىنوپول ئارخېئېپىسكوپى ئۆزئاراقارشى تەرەپنىڭ دىنىي تەۋەلىكىنى بىكار قىلغان. شۇنداق قىلىپ پراۋسلاۋىيە دىنى بىلەنكاتولىك دىنى رەسمى بۆلۈنگەن.